باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى ما جياڭشيا

2017.08.29 14:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۆۋەتتە «ئۈچ مەيدان كەسكىن جەڭ»، «بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى» ئەۋجىگە چىقىۋاتىدۇ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىكىنىڭ قانداقلىقى، ئىچى بىلەن تېشىنىڭ بىردەك بولغان- بولمىغانلىقى، پارتىيەگە سادىق بولغان- بولمىغانلىقى، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ تىرىشىپ ئۈلگىلەردىن بولغان- بولمىغانلىقى پارتىيەنىڭ تۈرلۈك فاڭجېن- سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش مۇساپىسىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.

  «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئۇلارنىڭ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەدىن پايدىلىنىپ ئاممىنى بىخۇدلاشتۇرۇپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىشتىكى مەقسىتى ۋەتىنىمىزنى پارچىلاشتىن ئىبارەت. بىز ھوشيار بولۇپ، سەگەكلىكىمىزنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ پائال ھەرىكەتلىنىپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە، كادىرلار قوشۇنى ئارىسىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە بىرلىك سەپ ئەزالىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، دۈشمەن بىلەن ئۆزنى ئېنىق ئايرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپى قۇرۇشىمىز كېرەك.

  مەن ئۇزاق مەزگىل بىرلىك سەپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاچقا، «ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى»نىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن. تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش بىلەن بىللە، بايرىقىمىز روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلمىساق، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان ياخشى ۋەزىيەتمۇ بولمايدۇ. مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار جۇڭگونىڭ قۇدرەت تېپىشىنى، ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ئىناق- ئىتتىپاق ئۆتۈشىنى خالىمايدۇ، شۇڭا ئۇلار جېنىنىڭ بارىچە مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر «پانئىسلامىزم» ۋە «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنى ئاستىرتىن تارقىتىپ، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، ئۇلار سەھنىدە چوڭ سۆزلەپ، سەھنىدىن چۈشكەندە قارشى مۇقامغا توۋلايدۇ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، مىللىي زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىناۋىتىگە داغ تەگكۈزىدۇ، ئۇلارنىڭ نىيىتى تېخىمۇ رەزىل، ۋاسىتىسى تېخىمۇ قەبىھ. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىز «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى دادىل كۈرەش قىلىپلا قالماي، يەنە كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى دادىل پاش قىلىپ، ئاممىنى كىمنىڭ دۈشمىنىمىز، كىمنىڭ قېرىندىشىمىز ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن- سىياسەتلىرى توغرىسىدا ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل سۆزلەيدىغان، كۆرۈنۈشتە دىنغا ئېتىقاد قىلمىغان بولۇۋېلىپ، ئاستىرتىن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولۇپ، ئۇلار بىلەن ئالاقە باغلاپ تىل بىرىكتۈرىدىغان، زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىلىرى بىلەن ئېغىز- بۇرۇن يالىشىدىغان، «بەشنى تونۇش»قا كۆرۈنۈشتە ئەمەل قىلغان بولۇۋېلىپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان، مىللەت ئايرىمىچىلىقى، گۇرۇھۋازلىق قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا يوشۇرۇن بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  دۆلىتىمىزدە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنپەئىتى ھەرقايسى مىللەتلەر مەنپەئىتىنىڭ مەركەزلىك گەۋدىلىنىشى بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق شەكىللەندۈرگەن ۋە قوغدىغان، ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى ۋە راۋاجلىنىشىنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئىلگىرى سۈرگەن، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئېلىپ بارغان، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش − ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە مەسئۇلىيىتى. مەيلى قايسى مىللەتتىن بولغان ئامما بولسۇن، ھەممىسى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىدە چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۇنى قوغدىشى شەرت، مەلۇم بىر مىللەتنىڭ مەنپەئىتى، ھەتتا مەلۇم بىر مىللەتتىكى ئايرىم شەخس ياكى ئايرىم كىچىك گۇرۇھنىڭ خۇسۇسىي مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلسا بولمايدۇ.

  پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشتا مۇستەھكەم سىياسىي مەيدان ۋە كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى بولۇشى كېرەك. بىز سىياسىي مەيداننى مۇستەھكەملەشتىكى ئۈلگىلەردىن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئۈلگىلەردىن، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتچان بولۇشتىكى ئۈلگىلەردىن، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئۈلگىلەردىن، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئۈلگىلەردىن بولۇشىمىز كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش − شىنجاڭدىكى ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى، كادىرنىڭ سىياسىي مەيدانىنى سىنايدىغان مۇھىم سىناق، ھالقىلىق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا، ھايات- ماماتلىق پەيتتە جېنىمىزدىن كېچىشكە تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك. مانا بۇ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنى، دۆلەتنى، سوتسىيالىزمنى سۆيگەنلىكنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى.

  خىزمەتكە قاتناشقىنىمغا 41 يىل، پارتىيەگە كىرگىنىمگە ئازكەم 30 يىل بولدى، «ئۈچ مەيدان كەسكىن جەڭ»، «بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى»غا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئاتلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن بارلىقىمنى بېغىشلايمەن، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي جان تىكىپ كۈرەش قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر