باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ئىنتىزامغا خىلاپ 12 تىپىك مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2017.07.20 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىنغان 12 تىپىك مەسىلىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغانلىق ھەققىدەئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. ئىنتىزامغا خىلاپ بۇ 12 مەسىلە تۆۋەندىكىچە:

  1. يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى شىگشىن بازارلىق پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى گې جيەنفېڭنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى ياردەم پۇلى مەبلىغىنى ئىگىلىۋېلىش مەسىلىسى. گې جيەنفېڭ 2015- يىلى قىسمەن دېھقانلارنىڭ سالغان ئۆيىنىڭ ئەمەلىي قۇرۇلۇش كۆلىمى ياردەم پۇلى بېرىش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولغان ئەھۋالدا، ھەر بىر دېھقاندىن قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئالغان تەرەپ بىلەن 18 مىڭ 500 يۈەنلىك قۇرۇلۇش پۈتۈش باھاسى بويىچە ساختا قۇرۇلۇش توختامى ئىمزالىشىنى تەلەپ قىلغان. گې جيەنفېڭ مەزكۇر بازارنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىنى كېڭەيتىپ سېلىش قۇرۇلۇشى داۋامىدا، شيېXكە قۇرۇلۇش كۆلىمى ۋە قۇرۇلۇش پۇلىنى كۆپەيتىپ يالغاندىن مەلۇم قىلىشقا يول كۆرسىتىپ، شۇ ئارقىلىق ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى ياردەم پۇلىدىن 132 مىڭ 500 يۈەننى ئالداپ ئېلىۋالغان، پۇلنى شيې X ۋاكالىتەن ساقلاپ بېرىدىغان، گې جيەنفېڭ تەقسىملەپ ئىشلىتىشكە مەسئۇل بولىدىغان بولغان. تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش داۋامىدا، يەنە ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا قىلمىشلىرىمۇ بايقالغان. گې جيەنفېڭغا 2017- يىلى 4- ئايدا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، ئۇنىڭ جىنايەت مەسىلىسىگە چېتىشلىق يىپ ئۇچى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاپ بېرىلدى.

  2.پىچان ناھىيەسىنىڭ پىچان يېزىسى ماچاڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى غۇپۇر ھەبىبۇلنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ياردەم پۇلى مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش مەسىلىسى. غۇپۇر ھەبىبۇل 2012- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشتەك خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى ياردەم پۇلىدىن 114 مىڭ يۈەننى ئالداپ ئېلىۋالغان. غۇپۇر ھەبىبۇلغا 2017- يىلى 4- ئايدا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلدى، ئۇنىڭ جىنايەت مەسىلىسىگە چېتىشلىق يىپ ئۇچى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاپ بېرىلدى.

  3.گۇما ناھىيە گۇما بازارلىق پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، سابىق بازار باشلىقى ئابلىمىت ئابدۇقادىرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىسى. ئابلىمىت ئابدۇقادىر نامراتلارنى يۆلەش بويىچە چارۋا، ئۆي قۇشى، ئۇرۇق، كۆچەت سېتىۋېلىش تۈرىدە قول ئاستىدىكىلەرنىڭ مال بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەردىن 467 مىڭ 500 يۈەن پارا ئېلىشىغا يول قويغان ۋە سۈكۈت قىلغان؛ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مەبلىغىدىن 826 مىڭ 500 يۈەننى ئالداپ ئېلىۋالغان ھەم 376 مىڭ 500 يۈەننى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان. ئابلىمىت ئابدۇقادىرغا 2017- يىلى 4- ئايدا پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، ئۇنىڭ جىنايەت مەسىلىسىگە چېتىشلىق يىپ ئۇچى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاپ بېرىلدى.

  4. نىيە ناھىيە سالغۇزەك يېزىلىق پارتكومنىڭ سابىق ئەزاسى، قوراللىق بۆلۈمنىڭ سابىق باشلىقى بارات مەتسېلىمنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ياردەم پۇلى مەبلىغىنى ئىگىلىۋېلىش مەسىلىسى. 2012- يىلى 5- ئايدا، بارات مەتسېلىم ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىشقا ئىشلىتىش پىلانلانغان ئۈچ توننا پولات چىۋىقنى باشقىلارغا 10 مىڭ يۈەنگە سېتىپ بەرگەن. 2013- يىلى 8- ئايدىن 2016- يىلى 2- ئايغىچە، مەزكۇر يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئە X بىلەن بىرلىكتە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىنى ئاقارتىش، پولات چىۋىق پىششىقلاش، ئاشخانا، ھاجەتخانا ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىش قاتارلىقلارنىڭ باھاسىنى ئۆز مەيلىچە ئۆستۈرۈپ، ئارىدىن 66 مىڭ يۈەن پارا ئالغان. بارات مەتسېلىمغا 2017- يىلى 5- ئايدا پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، ئۇنىڭ جىنايەت مەسىلىسىگە چېتىشلىق يىپ ئۇچى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاپ بېرىلدى.

  5. قەشقەر شەھەرلىك چارۋىچىلىق- مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، سابىق مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئوسمانجان ياسىننىڭ نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىش مەسىلىسى. 2016- يىلى مەزكۇر ئىدارە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش قۇرۇلۇشىدا ياخشى چارۋىلارنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ياردەم پۇلى بېرىش تۈرىنى يولغا قويۇش داۋامىدا، ئوسمانجان ياسىن بۇ تۈرنى يولغا قويغان ئورۇننىڭ ھەر بىر دېھقانغا ئاجراتقان 3300 يۈەن ياردەم پۇلىنى ئۆز مەيلىچە دېھقانلار ئۆزلىرى غەملەشكە ئۆزگەرتىپ، 180 نامرات دېھقاننىڭ بۇ پۇلىنى غەملىيەلمەي، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن بەھرىمەن بولالماسلىقىغا سەۋەب بولغان. ئوسمانجان ياسىنغا 2017- يىلى 4- ئايدا پارتىيەدىن قوغلاش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.

  6.تېكەس ناھىيەسىنىڭ كۆكتېرەك قىرغىز يېزىسى كۆكتېرەك كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى باغدات ئالىمجاننىڭ قائىدىگە خىلاپ ھالدا ياردەم پۇلى مەبلىغىدىن بەھرىمەن بولۇش مەسىلىسى. باغدات ئالىمجان 2010- يىلى قائىدىگە خىلاپ ھالدا 42 مىڭ 900 يۈەن چارۋىچىلارنى ماكانلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى مەبلىغىدىن ئۆز نامىدا بەھرىمەن بولغان. باغدات ئالىمجانغا 2017- يىلى 4- ئايدا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلدى.

  7.ئاقسۇ شەھىرىنىڭ توپلۇق يېزىسى قارا يانتاق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ئەكبەر ھوشۇرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش پۇل- مېلىنى ئىگىلىۋېلىش مەسىلىسى. 2012- يىلى 5- ئايدا، ئەكبەر ھوشۇر ئاھالىلەرگە سالغان ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىنى ئۆز مەيلىچە سېتىپ، ئۆي ساتقان پۇلدىن 15 مىڭ يۈەننى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان؛ 2013- يىلى 2- ئايدا مەزكۇر كەنتنىڭ تاش ئۆستەڭ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا دېھقانلارنىڭ باغلىرى (تېرىلغۇ يەرلىرى) قاتارلىقلىرىغا ياردەم قىلىپ بېرىلگەن 16 مىڭ 300 يۈەن قىممىتىدىكى 99 خالتا خىمىيەۋى ئوغۇتنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان؛ 2014- يىلى 5- ئايدا دۆلەت ھەقسىز تارقاتقان نامراتلارنى يۆلەش خىمىيەۋى ئوغۇتىدىن 30 خالتىنى كەنتتىكىلەرگە 3000 يۈەنگە ساتقان. ئەكبەر ھوشۇرغا 2017- يىلى 4- ئايدا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلدى.

  8. يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ ئەشمە بازىرى جاغدا كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇرېھىم توختى ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئېلىش مەسىلىسى. ئابدۇرېھىم توختى بىر ئائىلىلىك سەككىز كىشى ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 21 كىشى 2016- يىلى 7- ئايدىن باشلاپ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا 58 مىڭ 700 يۈەن تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئالغان. ئابدۇرېھىم توختىغا 2017- يىلى 4- ئايدا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلدى.

  9. باغراش ناھىيەسى چېكىننۇر يېزىسى سايغان ئۇدۇن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى دالماننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ تۆۋەن كاپالەت پۇلى تارقىتىش مەسىلىسى. دالمان ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، 2014- يىلى تۆۋەن كاپالەت شەرتىگە توشمايدىغان قېيىنسىڭلىسىنىڭ قىزىنى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يېزا تۆۋەن كاپالەت ياردەم پۇلىدىن 6200 يۈەن تارقاتقان. دالمانغا 2016- يىلى 6- ئايدا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  10. كۇچا ناھىيەسىنىڭ خانىقاتام يېزىسى سايئېرىق كەنتىنىڭ كاسسىرى سۇلتان كېۋىرنىڭ پاناھلاندۇرۇش مەبلىغىنى ئىگىلىۋېلىش مەسىلىسى. سۇلتان كېۋىر 2016- يىلى 6- ئايدا پاناھلاندۇرۇش مەبلىغىنى تارقىتىش جەريانىدا، ئا X قاتارلىق بەش دېھقانغا بېرىلگەن پاناھلاندۇرۇش مەبلىغىدىن 22 مىڭ 500 يۈەننى ئۆز مەيلىچە تۇتۇۋېلىپ، شەخسىي تۇرمۇشىغا ئىشلەتكەن. سۇلتان كېۋىرغا 2017- يىلى 5- ئايدا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  11. جىڭ ناھىيەلىك مېيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ كېڭەش باشلىقى ئابدۇرۇسۇل غالىپنىڭ مېيىپلارغا ياردەم بېرىش، يۆلەش تۈر مەبلىغىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىش مەسىلىسى. ئابدۇرۇسۇل غالىپ 2015- ، 2016- يىلى «يېزا-كەنت بازار قۇرۇلۇشى» بويىچە مېيىپلارغا ياردەم بېرىش، يۆلەش تۈرىدە، مەخسۇس مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ۋە ياردەم پۇلى بېرىش ئۆلچىمىنى خالىغانچە ئۆزگەرتكەن، دېلوغا چېتىشلىق سومما 85 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. ئابدۇرۇسۇل غالىپقا 2017- يىلى 6- ئايدا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش، مەمۇرىي جەھەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  12. ئاقچى ناھىيە ئاقچى بازارلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن بازار باشلىقى ۋاڭ مىنجيېنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئىشلىتىۋېلىش مەسىلىسى. ۋاڭ مىنجيې 2015- يىلى 10- ئايدا بۇ بازارنىڭ يادرولۇق چارۋا مال باقمىچىلىق تۈر مەبلىغىدىن 88 مىڭ 200 يۈەننى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشخانىغا كومپيۇتېر سېتىۋېلىش قاتارلىق چىقىملار ئۈچۈن ئىشلەتكەن. ۋاڭ مىنجيېگە 2017- يىلى 3- ئايدا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر