باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يادرولۇق رايون مەدەنىيەت، پەن- مائارىپ مەركىزى (مائارىپ بۆلىكى) قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى (2016- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە)ئېلان قىلىندى

2017.07.19 17:05         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتىدە 7- ئاينىڭ 18- كۈنى «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ مەدەنىيەت، پەن- مائارىپ مەركىزى(مائارىپ بۆلىكى) قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى(2016- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە) ئېلان قىلىندى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىك پىلان» دېيىلىدۇ). بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزى، داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزىدىن كېيىن ئېلان قىلغان يەنە بىر تۈرلۈك يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى.

  «يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايون مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلقئارالاشقان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى مەدەنىيەت، پەن- مائارىپ مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئەقلىي مەدەت ۋە ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى مەدەنىيەت، پەن- مائارىپ مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مەدەنىيەت تۈگۈنى ۋە كۈچلۈك مائارىپ رايونىغا ئايلىنىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى مەدەنىيەت، پەن- مائارىپ مەركىزى قۇرۇلۇشىدا خەنزۇ تىلىنى خەلقئاراغا كېڭەيتىش، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى، يىپەك يولى لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق بالدۇر تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەۋزەللىكى ۋە سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرگەن قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى نۇقتىلىق يۆلەيدۇ ھەم داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  «يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئاپتونوم رايون يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى مەدەنىيەت، پەن- مائارىپ مەركىزى (مائارىپ بۆلىكى) قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، شىنجاڭنى خەلقئارالاشقان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسى، جۇڭگوغا ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بازىسى، پەن قۇرۇلۇشى ۋە پەن تەتقىقات بازىسى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تارقىتىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى رايون ۋە دۆلەتلەر تەتقىقات ئاقىللىرى ئامبىرى ھەم ئۇچۇر ئامبىرى قۇرىدۇ. 2020- يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىياتى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېتىپ، مائارىپنى خەلقئارالاشتۇرۇش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆسۈپ، يىپەك يولى لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرگە بولغان جەلپ قىلىش كۈچى، تەسىر كۆرسىتىش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، شىنجاڭ ئوق مەركىزى قىلىنغان، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مائارىپ ئورتاق گەۋدىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلىدۇ. چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى يىلىغا 20 مىڭ(قېتىم)غا يېتىدۇ، ھەر خىل پەن سۇپىسىدىن ئونى قۇرۇلىدۇ، يېڭىدىن ئون كۇڭزى ئىنستىتۇتى قۇرۇلىدۇ، سەككىز- ئونغىچە يۇقىرى سەۋىيەلىك رايون ۋە دۆلەتلەر تەتقىقات ئاقىللىرى ئامبىرى قۇرۇلىدۇ.

  «يىرىك پىلان»دا يەنە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى مەدەنىيەت، پەن- مائارىپ مەركىزى(مائارىپ بۆلىكى) قۇرۇلۇشىنىڭ ئالتە چوڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى، يەنى خەلقئارالاشقان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشى، جۇڭگو شىنجاڭدا چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش قۇرۇلۇشى، خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇلۇشى، خەنزۇ تىلى خەلقئارا مائارىپ قۇرۇلۇشى، مائارىپ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئاپتونوم رايون خەلقئارالاشقان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشى جەريانىدا، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سودا، ئەشيا ئوبوروتى، قاتناش، پۇل مۇئامىلە، داۋالاش ۋە قۇرۇلۇش تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەردە خەلقئارالىق ئېھتىياجنى قاندۇرالايدىغان تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي، يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى؛ ئالىي مەكتەپلەردە تاجىك تىلى، ئوردۇ تىلى، پارس تىلى، تۈرك تىلى قاتارلىق كەسىپلەرنى تەسىس قىلىشنى قوللايدۇ؛ تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىنى يىپەك يولى لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەردە ئوقۇپ بىلىم ئاشۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

  ئاپتونوم رايون جۇڭگو شىنجاڭدا چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش قۇرۇلۇشىدا بىر تۈركۈم چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار تەييارلىق سىنىپى بازىسى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق، كۆپ قىرلىق ئىختىساسلىقلارنى مەخسۇس تەربىيەلەيدۇ؛ شىنجاڭ يىپەك يولى لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەردىن قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ياردەم بېرىش كۆلىمى ۋە ئۆلچىمىنى كېڭەيتىپ، سانىنى 100 دىن 300 گە كۆپەيتىدۇ، ياردەم بېرىش ئۆلچىمى ھەر ئادەمگە يىلىغا 30 مىڭ يۈەن بېرىشتىن 60 مىڭ يۈەن بېرىشكە ئۆزگەرتىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايون ھازىر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن پەن- تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، داۋالاش مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەردە پۇختا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. مائارىپ جەھەتتە 20 مىڭدىن ئارتۇق چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر