باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىرانلىق 18 كىشى ۋە ئەمەلىي گەۋدىنى...

2017.07.19 17:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىرانلىق 18 كىشى ۋە ئەمەلىي گەۋدىنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

  ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تۈنۈگۈن ئىرانلىق 18 كىشى ۋە ئەمەلىي گەۋدىنىڭ ئىراننىڭ تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانى ۋە دۆلەت ھالقىغان جىنايەت قاتارلىق قىلمىشلارنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: بەش شەخس ۋە يەتتە ئەمەلىي گەۋدە ئىراننىڭ ھەربىي دائىرىلىرى ياكى ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمىنى قوللاشقا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن جازالىنىدۇ. ئۇندىن باشقا، باش ئورگىنى ئىراندا تەسىس قىلىنغان دۆلەت ھالقىغان بىر جىنايەت گۇرۇھى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار ئۈچ كىشىمۇ جازالىنىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى شۇ كۈنى يەنە ئىراننىڭ تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىغا ئالاقىدار ئىراننىڭ ئىككى ئورگىنىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى.

  جازالاش تەدبىرىگە ئاساسەن، جازالانغان شەخسلەر ۋە ئەمەلىي گەۋدىلەرنىڭ ئامېرىكا دائىرىسىدىكى مۈلكى توڭلىتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۇلار بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر