باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەڭگۈلۈك ئىجادىيەت تېمىمىزدۇر

شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، نەشرىيات باشلىقى ئابدۇراخمان ئەبەي

2017.07.19 17:10         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ھەر مىللەت خەلق ئىناق ياشاپ كەلگەن ماكان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىش داغدام يولىدا مېڭىپ، بارغانسېرى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىپ، تەدرىجىي پۈتۈن مەملىكەتكە، ھەتتا دۇنياغا يۈزلەندى. شىنجاڭنىڭ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى، ئۇيغۇر مەشرىپى ب د ت مائارىپ- پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئايرىم- ئايرىم «ئىنسانىيەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكى»گە ۋە «ئىنسانىيەتنىڭ جىددىي قوغداشقا تېگىشلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى؛ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى تېلېۋىزىيە قانىلىدىن ئون نەچچىنى كۆرەلەيدۇ؛ شىنجاڭدا ھازىر نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىۋاتقان 110 خىل گېزىت ۋە 200 خىل ژۇرنال ئىچىدە 52 خىل گېزىت ۋە 120 خىل ژۇرنال ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقىدا نەشر قىلىنىۋاتىدۇ؛ شىنجاڭدا ھازىر 13 نەشرىيات بولۇپ، بۇ نەشرىياتلار يىلدا 10 مىڭدىن ئارتۇق كىتاب نەشر قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقىدىكى كىتابلار %60نى ئىگىلەيدۇ... بۇلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا قىلغان غەمخورلۇقى ۋە مەدىتىنىڭ نەتىجىسى.

  لېكىن، چوڭقۇر ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدىغىنى شۇكى: ئىلگىرى نەشر قىلىنغان ئايرىم كىتابلاردا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىزگە قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈم شارائىتىدىكى بەختىيار تۇرمۇشى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئۈچۈن قىلغان باتۇرانە كۈرەشلىرى، شۇنداقلا «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايىتىنى ئېچىپ تاشلاش ۋە ئەيىبلەش، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى تۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلار تولۇق ھەم چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈلمىگەن، قىسمەن ئەسەرلەر ھەتتا «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئەكسىيەتچىل ئىدىيەسى ۋە «پانئىسلامىزم، پانتۈركىزم»لىق خاتا پىكىر ئېقىمىنى تارقىلىش يولى بىلەن تەمىنلىگەن. بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇنداق پاسسىپ ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان ۋە نەشر قىلغانلار پارتىيە، ھۆكۈمەت، ۋەتەن، خەلق ئالدىدا ئۆزىنى قويغىدەك يەر تاپالماي خىجىلللىق ھېس قىلىشى ھەم تېگىشلىك جازاغا تارتىلىشى كېرەك.

  ئۇيغۇر يازغۇچى دوستلار، بىز زىيالىيلار دەۋر ئېقىمىغا باشلامچىلىق قىلىۋاتىمىز، مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ۋەزىپىسىنى زىممىمىزگە ئالغانمىز. «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ھايات- ماماتلىق كۈرەشتە مەيدانغا كەلگەن قەھرىمانلارنى مەدھىيەلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق، بەختىيار تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھىر- مۇھەببەت، ھەققانىيەتتىن ئىبارەت ھەقىقىي گۈزەللىكنى كۈيلەپ، بىر مەھەل قايمۇقۇپ قالغان ئەمما ۋىجدانىنى يوقاتمىغان كىشىلەرنى ئويغىتىش بىز ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ شەرەپلىك بۇرچى، شۇنداقلا مىللىتىمىزنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى.

  ھازىر مەن «كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە يول» ناملىق پوۋېستنى يېزىۋاتىمەن. پوۋېستتا 20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدا يېزىغا قايتا تەربىيە ئېلىشقا چۈشكەن تۆت خەنزۇ ئوقۇغۇچىنىڭ تەكلىماكانغا جايلاشقان بىر كىچىك كەنتتىكى ئايخان ئانىنىڭ ئۆيىدە ئۈچ يىل تۇرغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە سۆزلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئانا- بالىدەك چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببىتى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. مەن كېلەر يىلى يەنە شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولۇشنىڭ ئالدى- كەينىدە قەشقەر خەلقىنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ قەشقەرگە كىرگەنلىكىنى قارشى ئېلىش جەريانى تەسۋىرلەنگەن تەسىرلىك روماندىن بىرنى يېزىشنى پىلانلاۋاتىمەن.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىز يازغۇچىلار ۋە شائىرلار ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئىجادىيەت تېمىسىدۇر. بىز ئۇيغۇر زىيالىيلار تارىخىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز ۋە بۇرچ تۇيغۇمىز ئارقىلىق ھەرمىللەت خەلقنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، خەلقنى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى كۆپلەپ كۈيلىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر