باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قانۇن شەمشىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نى تەلتۆكۈس يوقىتايلى

تۇرپان شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋەلى نەجمىدىن

2017.07.19 17:12         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ- ئادىتىنى چەتكە قېقىپ، زامانىۋى مەدەنىيلىكنىڭ بارلىق نەتىجىلىرىگە قارشى تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان سېلىپ، قانۇننىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلدى؛ «ئۈچ خىل كۈچ» «دىن» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىپ، كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، ئۇلارنىڭ رەزىل مەقسىتى شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىدىن ئايرىپ چىقىش، ماھىيىتى ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى تۇرۇش.

  خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدا خىزمەت قىلىدىغان رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت- ھۆرمىتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداشتەك مۇقەددەس بۇرچ ۋە شەرەپلىك ۋەزىپىنى زىممەمگە ئالغان. مەن يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە باتۇرلۇق بىلەن ئاتلىنىپ، مۈجمەللىك قىلماي، قورقماي، مۇرەسسە قىلماي، چېكىنمەي، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىمنى ئاڭلىق زىممەمگە ئالىمەن، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىگە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تېپىپ چىقىپ ۋە جازالاپ، بۇ ئىس- تۈتەكسىز جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىمەن.

  قانۇن شەمشىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»نى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالايمەن. سىياسىي نەزەرىيە بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، سىياسىي ئىرادەمنى چىڭىتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرىمەن. مۈجمەل تونۇش، ساختىپەزلىك قارىشى ۋە كىشىنى ئازدۇرىدىغان گەپ- سۆزلەرنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تەنقىدلەيمەن، تۈزىتىمەن؛ «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى چوڭ- چوڭ پىرىنسىپال مەسىلىلەردە پوزىتسىيەسى ئېنىق بولمىغان، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان، تىلى بىلەن دىلى، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك بولمىغان، تەشكىلگىمۇ، «ئۈچ خىل كۈچ»كىمۇ ياخشىچاق بولىدىغان، ھەتتا «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن ئېغىز- بۇرۇن يالىشىپ تىل بىرىكتۈرۈۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي تېپىپ چىقىپ، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالايمەن، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلمايمەن.

  قانۇن شەمشىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زەھىرىنى پاش قىلىمەن ۋە قەتئىي تازىلايمەن. دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى يوقاتمىغىچە، شىنجاڭدا مەڭگۈ خاتىرجەملىك بولمايدۇ. مەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، «پانئىسلامىزم ۋە پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ سەپسەتىسىنى پاش قىلىمەن ۋە تەنقىد قىلىمەن، قانۇن قورالىدىن پايدىلىنىپ بۇ زەھەرلىك ئۆسمىنى تەنقىدلەپ، ئاشكارىلاپ، مەنبەدىن تۈزىتىپ، يىلتىزىدىن تازىلاپ، «ئۈچ خىل كۈچ»تىن ئىبارەت بۇ داشقاللارنى قەتئىي تەلتۆكۈس يوقىتىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر