باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بېيجىڭلىق شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ئوقۇتقۇچى فۇ لىچېڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق دەرس ئۆتتى

2017.07.11 14:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭلىق شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ئوقۇتقۇچى فۇ لىچېڭ شىنجاڭنىڭ خوتەن ناھىيەسى بېيجىڭ ئالى ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق دەرس ئۆتتى. پات ئارىدا بىر يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئاياغلاشتۇرىدىغان فۇ لىچېڭ ۋە بالىلارنىڭ بىر بىرىدىن ئايرىلىشقا يەنىلا كۆزى قىيمىدى. فۇ لىچېڭ تەسىرلىنىپ مۇنداق دېدى: ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق دەرسىنى بالىلار ناھايىتى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. بۇ يەردە مەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېيجىڭلىق ئوقۇتقۇچىغا بولغان ئاشۇنداق ھۆرمىتىگە ئېرىشتىم، بەك تەسىرلەندىم. شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان بېيجىڭلىق ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن چەكسىز ئىپتىخارلاندىم.

  1997-يىلى تۇنجى تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 200دىن ئارتۇق كادىر شىنجاڭغا كەلدى، بۇ يىلقى 9-تۈركۈمگىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 4 مىڭدىن ئارتۇق كادىر شىنجاڭغا كەلدى، ئەڭ دەسلەپكى 8 ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق كومىتېتلىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كادىر ئەۋەتىشتىن، 19 ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى ئومۇميۈزلۈك شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كادىر تاللاپ ئەۋەتىش، ئومۇمىي ساھەلەر، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئۆمەك شەكلىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كادىر ئەۋەتىشكىچە، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئەقلىي كۈچى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، شەكىلدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىلدى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يولغا قويۇلغان 7 يىلدىن بۇيان، 15 مىڭدىن ئارتۇق شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىر، 40 مىڭدىن ئارتۇق جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ئىختىساسلىق كىشى ئەقىل پاراسىتىنى شىنجاڭغا خالىس ئاتا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا چەكسىز ھاياتى كۈچ قوشتى.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك 2-خەلق دوختۇرخانىسى ئەسلىدە 2-دەرىجىلىك دوختۇرخانا ئىدى، شاڭخەينىڭ ئۆمەك شەكلىدىكى داۋالاش جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۆمىكى كەلگەندىن كېيىن، كەينى-كەينىدىن ئۆلكە دەرىجىلىك نۇقتىلىق 11 بۆلۈم تەسىس قىلىپ، زور تۈركۈم ئاز سانلىق مىللەت داۋالاش تايانچلىرىنى تەربىيەلىدى، 2015-يىلى بۇ دوختۇرخانا 3- دەرىجىگە ئۆستى. ئىلگىرى ئۈرۈمچى ھەتتا شاڭخەيدىكى دوختۇرخانىلارغا يۆتكەپ داۋالىتىلىدىغان ئېغىر كېسەللەر شۇ جايدا ناھايىتى ياخشى داۋالىنىدىغان بولدى. شاڭخەينىڭ 9-تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ باشلىقى، قەشقەر ۋىلايەتلىك 2-دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈي يوڭ مۇنداق دېدى: داۋالاش جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە ئەڭ مۇھىمى تېخنىكا قالدۇرۇپ قويۇلدى، ئىختىساسلىقلار تەربىيەلەندى، ئېلىپ كېتىلمەيدىغان بىر قوشۇن قېلىپ قالدى، بۇ بىزنىڭ بۇرچىمىز.

  شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭغا كەلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى، كەسپىي ئىختىساسلىقلار شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە كەينى-كەينىدىن بېرىپ تەربىيەلەندى، ئۇلار 1 مىليون 300 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى، شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ساپاسى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلدى. ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ شاڭخەي "سايە مەكتەپ مۇدىرى تەربىيەلەش پىلانى"نى يولغا قويۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ رەھبەرلىرىدىن 65نى تاللاپ، شاڭخەيدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تەربىيەلىدى.

  شاڭخەي شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى ياڭ يۈەنفېي مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىز سايە مەكتەپ مۇدىرلىرى ئاساسىدا، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش تۈرىنى كېڭەيتىمىز، سايە مۇدىر، سايە ئىستانسا باشلىقى دەپ ئاتايدىغانلار ئۈچ يۈرۈش بولدى، ئۇلار شاڭخەيدىكى ئىستانسا باشلىقلىرى، دوختۇرخانا باشلىقلىرى، مەكتەپ مۇدىرلىرىغا سايىدەك ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىگىلەيدۇ، ئاندىن كېيىن بۇ نۇقتىئىنەزەرلەرنى قەشقەرگە ئېلىپ كېلىپ ئىشلىتىدۇ، بۇنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر