خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 9- كۈنى، شىنجاڭ ئىلى تېكەس ناھىيەسى كۆكتېرەك يېزىسىدا قىچا چېچەكزارلىقى ۋە يېشىل رەڭلىك بۇغداي ئېتىزلىرى گىرەلىشىپ، بىر پارچە رەڭگارەڭ رەسىمنى شەكىللەندۈردى. تېكەس ناھىيەسىدە بۇ يىل 200 مىڭ موغا يېقىن قىچا تېرىلغان بولۇپ، 7- ئاي كىرىشى بىلەن قىچا چېچەكلىرى بەس-بەستە ئېچىلىپ، جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى