باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب توغرىسىدا يەشمە

شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىيات ۋە يۈكسىلىشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پەن تەتقىقات- تاشقى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، كاندىدات تەتقىقاتچى ليۇ لۇمېي

2017.07.11 14:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تولۇق ئىنسانىي ھوقۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇش − ئىنسانلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئىنتىلىپ كېلىۋاتقان گۈزەل ئارزۇسى.

  شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، ھەر قايسى مىللەتلەر بۇ زېمىندا ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ، كۈرەش قىلىپ، گۈللىنىپ، تەرەققىي قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى تەرەققىيات ۋە يۈكسىلىشلەرگە ئورتاق شاھىت بولدى. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى تولۇق ئىشەنچ ۋە ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا «شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، ئىخچام، ئاددىي تىل ۋە نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتكە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىياسىي ھوقۇقى، پۇقرالىق ھوقۇقى، ئىقتىسادىي ھوقۇقى، ئىجتىمائىي ھوقۇقى، مەدەنىيەت ھوقۇقى، مۇھىت ھوقۇقى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقى ۋە ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار، مېيىپلەر ھوقۇقىدىن ئىبارەت سەككىز جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى.

  شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنىڭ كۈچلۈك شاھىتى دېيىشكە بولىدۇ

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرى، فېئودال ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار ۋە دىنىي ئىمتىياز قاتلىمىدىكىلەرنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغانىدى، ئىجتىمائىي ئورنى بەك تۆۋەن بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇقىغىمۇ ئىگە بولالمىغانىدى. يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئورنىتىلىشى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىنسانىي ھوقۇققا ئىگە بولۇشىغا تۈپ سىياسىي ئالدىنقى شەرت ۋە تۈزۈم ئاساسى ھازىرلاپ بەردى. دۆلىتىمىز 1955- يىلى شىنجاڭدا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى باشقا رايونلاردىكى ئامما بىلەن باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن قىلغاندىن باشقا، يەنە مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئالاھىدە ھوقۇقتىن بەھرىمەن قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش پىرىنسىپى ئاساسىدا ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى تولۇق يۈرگۈزۈش، يەرلىك ئىشلارنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش، دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا باراۋەر قاتنىشىشىنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي باسقۇچقا قەدەم قويدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. «شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب پۈتۈن دۇنياغا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى نامايان قىلدى.

  شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشى − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى، قوللىشى ۋە توغرا رەھبەرلىكىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى. ئۇزاقتىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە باشتىن- ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى پۈتۈن مەملىكەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە قويۇپ نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ھەر مىللەت خەلقنى بەخت- سائادەتكە ئېرىشتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشى، بىر نىيەت- بىر مەقسەتتە ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاساسىي ھوقۇق- مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، باشتىن- ئاخىر شىنجاڭغا رىشتە باغلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ غېمىنى يېدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىگە توغرا ھۆكۈم قىلدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق- مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ باراۋەر قاتنىشىش، باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىيات ۋە يۈكسىلىشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، قەتئىي بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىياسىي ھوقۇقى، پۇقرالىق ھوقۇقى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ھوقۇقى، مەدەنىيەت ھوقۇقى، مۇھىت ھوقۇقى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقى ۋە ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار، مېيىپلەر ھوقۇقى قاتارلىقلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى قاپلاپ، يېڭى تەرەققىيات ۋە يۈكسىلىشلەر ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، يۇقىرى- تۆۋەن بىر نىيەت- بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئورتاق كۈرەش قىلىپ، ئىزچىل، بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.

  «شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا، شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈلگەن

  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ۋە پۇقرالىق ھوقۇقى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. شىنجاڭدا ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيە ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مىللەتلەرنىڭ سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ھوقۇقى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى، پۇقرالارنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك ھوقۇقى ھۆرمەتلەندى ۋە قوغدالدى، ئادىل سوت قىلىنىش ھوقۇقى ھەقىقىي قوغدالدى، ئۆز ئەركىنلىكىنى ئىپادىلەش ھوقۇقى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى.

  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھوقۇقى زور دەرىجىدە كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشىنى ياخشى ئىقتىسادىي ئاساس بىلەن تەمىن ئەتتى. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى يېتەكچى قىلىنىپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇلۇپ، دىققەت بەش چوڭ ۋەزىپىگە قارىتىلىپ، ھالقىلىق ساھەلەر ۋە مۇھىم ھالقىلار نىشان قىلىنىپ، دەل جايىدا كۈچ چىقىرىلىپ، ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ئاساسىي تۇرمۇش كاپالەت سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى، نامرات ئاھالىنىڭ ياشاش ۋە تەرەققىي قىلىش شارائىتى يەنىمۇ ياخشىلاندى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، خىزمەت قىلىش ھوقۇقى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈلدى.

  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى ۋە تەربىيەلىنىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسى مىسلى كۆرۈلمىگەن سەۋىيەگە يېتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشى ئىجتىمائىي كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. ھۆكۈمەت سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى، بۇنىڭ بىلەن كەڭ كۆلەمدە قاپلانغان، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىنغان، كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ساغلاملىق ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش شارائىتى يەنىمۇ ياخشىلاندى، تەربىيەلىنىش ھوقۇقى ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى.

  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقى ئۈنۈملۈك قوغدىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشى مەدەنىيەت تىرىكىگە ئىگە بولدى. شىنجاڭ ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، مىللىي تىل- يېزىقنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۈچەپ ئاسراپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى.

  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇھىت ھوقۇقى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشى ياخشى تۇرمۇش مۇھىتى ئاساسىغا ئىگە قىلىندى. «شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا شىنجاڭنىڭ مۇھىت ئاسراش توغرىسىدىكى بىر قاتار تۈزۈم ۋە تەدبىرلىرى، يەنى شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تۈزۈمىنىڭ يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەنلىكى، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكى، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىۋاتقانلىقى، مۇھىتنى تۈزەش تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولغانلىقى، مۇھىت مەمۇرىي تەپتىش مېخانىزمىنىڭ تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈلگەنلىكى، مۇھىت قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ ئېغىر جازالانغانلىقى قاتارلىقلار بايان قىلىندى.

  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىنىڭ ھۆرمەت قىلىنىشى ۋە قوغدىلىشى − شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى ۋە يۈكسەلگەنلىكىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە مۇھىم ئىپادىسى. شىنجاڭ كۆپ مىللەتلىك، كۆپ دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بىر قەدەر كۆپ، قانۇن بويىچە پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى ۋە يۈكسەلگەنلىكىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە مۇھىم ئىپادىسى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قانۇن جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ھۆرمەتلەندى ۋە قوغدالدى، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇپلا قالماستىن، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئومۇميۈزلۈك قوللىنىۋاتقان ئۇسۇل. «شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا، خەلقئارا جەمئىيەتكە شىنجاڭنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنى ھۆرمەتلەش ۋە قوغداش جەھەتتىكى سىياسەت ۋە ئىدىيەلەرنى بېيىتقانلىقى ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق ياراتقانلىقى نامايان قىلىندى، باشقۇرۇش بىلەن مۇلازىمەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش ئىدىيەسى گەۋدىلەندۈرۈلدى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجى تىرىشىپ قاندۇرۇلدى. «شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە: دىنىي ئەسەبىيزم دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تەھدىت سالىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە، ئۇنىڭغا جەزمەن قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى، شۇنداقلا دىنلارنىڭ مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر، دوستانە بولۇش ئاساسىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەل دىنىي تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقە باغلاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شىنجاڭدىكى ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار، مېيىپلەر ھوقۇقىنىڭ ھۆرمەتلىنىشى ۋە كاپالەتلەندۈرۈلۈشى، شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشىنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى. «شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاياللارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە دائىر تۈزۈملەرنىڭ پەيدىنپەي ئورنىتىلغانلىقى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلگەنلىكى، جىنسىي كەمسىتىشنىڭ يوقىتىلغانلىقى، ئەر- ئايال ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق ئالىدىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار، «باھار غۇنچىسى پىلانى»، «بالىلار شادلىق باغچىسى»، «نىجاتلىق ھەرىكىتى»، «باھار مايسىسى قۇرۇلۇشى» سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش، قوغداش تور سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش قاتارلىقلار يولغا قويۇلۇپ، بالىلارنىڭ ھوقۇقى تولۇق قوغدالغانلىقى تونۇشتۇرۇلدى. «شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا، مېيىپلەر، بولۇپمۇ نامرات مېيىپلەرنىڭ تۇرمۇش كاپالىتى، ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەرنى ھاۋالىلىك بېقىش ۋە قۇتقۇزۇش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە مېيىپلەرنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى، قانۇن مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنىڭ ياخشىلىنىۋاتقانلىقى، مېيىپلەرنىڭ تۇرمۇش بەخت كۆرسەتكۈچىنىڭ خېلى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى بايان قىلىندى.

  «شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا، شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقى ئىشلىرىدا سەككىز جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر پولاتتەك پاكىتلار بىلەن تولۇق شەرھلەندى. بۇ نەتىجىلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى، قوللىشى ۋە توغرا رەھبەرلىكى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلب- كۈچنى مۇجەسسەملىشى ۋە بوشاشماي تىرىشىشى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنىڭ مۇھىم ئاساسى ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ بەردى. ئۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق ئىپادىلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتە شىنجاڭغا چېتىلىدىغان ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىگە يولۇققاندا سۆز قىلىش تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆستۈردى، شىنجاڭنىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ئىگىلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئىلگىرى سۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر