باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە 7- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن باشلاپ يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ

2017.06.16 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 2016-2017- ئويۇش يىلىنىڭ 2- ئوقۇش مەۋسۇمى 2017- يىلى 7- ئاينىڭ 4- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، 400 مىڭ نەپەر ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەتىل تۇرمۇشىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

  15- ئىيۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2016- 2017 ئوقۇش يىلىنىڭ 2- مەۋسۇمىدە يازلىق تەتىلگە 7- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 26- كۈنىگىچە قويۇپ بېرىلىدىكەن. 2017- 2018- ئوقۇش يىلىنىڭ 1- مەۋسۇمى ئۈچۈن 2017- يىلى 8- ئاينىڭ 27- كۈنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، 8- ئاينىڭ 28- كۈنى رەسمىي دەس باشلىنىپ، 2018- يىلى 1- ئاينىڭ 25- كۈنى ئاياغلىشىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: تەتىلگە قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇن بارلىق ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا بىر قېتىم ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىكى، يېمەكلىك تازىلىقى بىخەتەرلىكى، قاتناش بىخەتەرلىكى، پائالىيەت بىخەتەرلىكى، تور بىخەتەرلىكى، قانۇنسىز زىيانكەشلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە سۇغا چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دېگەندەك جەھەتلەردىكى بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى ئېلىپ بېرىش كېرەك. ھەر قايسى رايون (ناھىيە) مائارىپ ئىدارىلىرى ۋە ھەر قايسى مەكتەپلەر يازلىق تەتىلدىن تولۇق پايدىلىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ يازلىق تەتىلدىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، شەكلى ھەر خىل بولغان، ھەمدە تەربىيەنى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە سىڭدۈرۈپ ئېلىپ بارىدىغان، شۇنداقلا، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر