باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۇنىۋېرسال يانداش سىياسىتى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدۇ

دەسلەپكى تەقسىمات تۈزۈمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ

2017.06.16 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 15-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ئاخبارات باياناتچىسى مېڭ ۋېي مۇنداق دېدى: ئېلىمىز شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۇنىۋېرسال يانداش سىياسىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، مەخسۇس رىغبەتلەندۈرۈش پىلانىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋە كىرىمنى تەكشۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ، كۆپەيتكىلى، ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان تەجرىبە ئۇسۇللىرىنى ئايرىپ، دەسلەپكى تەقسىمات تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار، تەتقىقاتچى، كارخانا تىجارەت باشقۇرغۇچىسى، يېڭىچە كەسپىي دېھقان قاتارلىق كىشىلەرگە قارىتا، بىرىنچى، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ تەمىناتىنى ئاشۇرۇپ، «چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنى» تەربىيەلەش، تاللاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ؛ ئىككىنچى، بىلىم قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى يېتەكچى قىلغان تەقسىمات سىياسىتىنى يولغا قويۇلىدۇ؛ ئۈچىنچى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مائاش بېكىتىش مېخانىزمى ئىسلاھ قىلىنىپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ كەسپىي باشقۇرغۇچى مائاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدۇ؛ تۆتىنچى، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك سۇبيېكتىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇشىنى پائال قوللاپ، يېڭىچە كەسپىي دېھقان تەربىيەلەش ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  2013-يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى مۇقىم ئېشىپ، يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7.4 ئاشتى. لېكىن كىرىمنى ئاشۇرۇش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى داۋاملىق كۈچەيتىش، كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشەش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، كىرىم تەقسىمات ئادىللىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، باھالاش-تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  مەركەزنىڭ كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى يانداش ئىسلاھات تەدبىرلىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات سالمىقىنى زورايتىش ئۈچۈن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مىنىستىر دەرىجىلىك بىرلەشمە يىغىنىغا ئەزا 21 ئورۇن بىلەن بىرلىشىپ، «2017-يىللىق كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى»نى تۈزۈپ ئېلان قىلىپ، تۆت جەھەتتىكى 19 نۇقتىلىق خىزمەتنى بېكىتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر