خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تور پونكىتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 16-ئىيۇن سائەت ئالتىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى تارقاتقان. مۆلچەرلىنىشىچە، 16-ئىيۇن كۈندۈزى ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ۋە غەربىي قىسمى، لىياۋنىڭنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمى، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، شەندۇڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ئويمانلىق ۋە تەڭرى تېغى بويى قاتارلىق جايلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى 35 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ شەرقىي قىسمى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى، لىياۋنىڭنىڭ غەربىي قىسمى، شەندۇڭ يېرىم ئارىلى قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن رايونلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 37~39 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدىكەن، قىسمەن جايلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىكەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى