باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تەكشۈرۈپ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتىكى تىپىك دېلولارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

1089 كىشىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

2017.06.16 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ چاكىنىلىق، ھۇرۇنلۇق، بوشاڭلىق قىلمىشىنى قاتتىق باشقۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىسى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ گوۋۇيۈەننىڭ 3-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈشى، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئىز قوغلاپ ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشى ۋە تارماقلارنى مەخسۇس تەكشۈرۈشىدە بايقالغان قىسمەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ئالاقىدار جايلار، تارماقلار ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، قانۇن-نىزام بويىچە 117 مەسىلىگە چېتىشلىق 1089 كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. ئىنتىزامنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، سەلبىي تىپىك دېلولارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇپ تەربىيەلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بۇنىڭ ئىچىدىكى 16 تىپىك دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر