باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

توقسۇ ناھىيەسىدىكى 3600 ئائىلىلىك دېھقان ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى تولۇقلىمىسىغا ئېرىشتى

2017.06.12 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ، توقسۇ ناھىيەسىدىكى 3600ئائىلىلىك دېھقان تۇنجى تۈركۈمدە 10 مىڭ يۈەندىن ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇش ياردەم مەبلىغىنى خۇشاللىق بىلەن تاپشۇرۇۋالدى. بۇ قېتىمقى ياردەم مەبلىغىنىڭ تارقىتىلىشى توقسۇ ناھىيەسىنىڭ -2017يىللىق ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئورۇندىلىشىنى كۈچلۈك مالىيە كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

  ياردەم مەبلىغىگە ئېرىشكەن توقسۇ ناھىيەسى يۇلتۇزباغ بازىرى سۇپادۆڭ كەنت ئاھالىسى مەمەت ياسىن مۇنداق دېدى: «بۈگۈن مەن ناھىيەلىك شەھەر قورۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ كادىرلىرى تارقىتىپ بەرگەن 10 مىڭ يۈەن ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇش ياردەم مەبلىغىگە ئېرىشتىم، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال، بۇ پۇل بىلەن ئەمىن ئۆيىگە تېخىمۇ بالدۇر كۆچۈپ كىرەلەيمەن.»

  بۇ يىل توقسۇ ناھىيەسى 3600 ئائىلىلىك دېھقان-چارۋىچىغا ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى سېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ تۈرگە270 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، نۆۋەتتە تارقىتىلغان ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى ياردەم مەبلىغى 36 مىليون يۈەن بولۇپ، ھازىر ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلىنىپ، قۇرۇلۇشنىڭ تەرەققىياتى ئوڭۇشلۇق بولماقتا.

  توقسۇ ناھىيەلىك شەھەر قۇرۇلۇشى ئىدارىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئابلىمىت ھوشۇر مۇنداق دېدى: »ئۆي سېلىش ياردەم مەبلىغى نەق پۇل شەكلىدە دېھقانلارنىڭ قولىغا تارقىتىپ بېرىلدى، بۇ سىياسەتنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىمىز.» (توقسۇ ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن: سىدىق مىجىت، رىزۋانگۈل مەخمۇت خەۋىرى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر