باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىشى 5- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 9- كۈنىگىچە بولىدۇ

2017.04.24 13:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ-ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش-ئىمتىھان ئېلىش مەركىزى ئورنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 5- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 9- كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تولۇق مەكتەپلەرنىڭ ئۈچىنچى يىللىقتىكى 20 مىڭ نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۈچۈن سالامەتلىك تەكشۈرۈش كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان بارلىق ئىمتىھان بەرگۈچىلەر چوقۇم سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە قاتنىشىش كېرەك. سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ تەن سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئىگىلىگىلى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئارخىپىنىڭ بىر مۇھىم قىسىمى بولۇش سۈپىتىدە، ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا پايدىلىنىلىدىكەن.

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرى ئاساسلىقى كۆز كېسەللىكلەر بۆلۈمى، ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، تاشقى بۆلۈم، قۇلاق-بۇرۇن-كېكىردەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ۋە كۆكرەكنى رېنتىگېندە تەكشۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر