- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلىتىمىز «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن 130دىن ئارتۇق قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
2017.04.21 15:32 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قاتناش ترانسىپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چۈنگېڭ 20-ئاپرېل قاتناش ترانسىپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئادەتتىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئېلىمىز «بىر بەلباغ، بىر يول« بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن تۆمۈر يول، تاشيول، دېڭىز ترانسىپورتى، ئاۋىئاتسىيە، پوچتىنىڭ ئىككى تەرەپ ۋە رايون ترانسىپورتىغا ئالاقىدار 130دىن ئارتۇق كېلىشىم تۈزدى.
ئىسىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 73 تاشيول ۋە سۇ يولى پورتى ئارقىلىق، ئېلىمىز ئالاقىدار دۆلەتلەردە 356 خەلقئارا يولۇچى، يۈك ترانسپورت لىنىيەسى ئاچتى؛ دېڭىز ترانسىپورت مۇلازىمىتى »بىر بەلباغ، بىر يول« بويىدىكى بارلىق دۆلەتلەردە يولغا قويۇلدى؛ لىنىيە بويىدىكى 43 دۆلەت بىلەن ھاۋا بىۋاسىتە قاتنىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ھەر ھەپتىدە تەخمىنەن 4200 نۆۋەتچى ئايروپىلان يولغا سېلىندى؛ خەلقئارا تۆمۈر يول بىرلەشمە ترانسىپورت رەسمىيىتى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارا تۆمۈر يول ترانسىپورتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خەلقئارا تۆمۈر يول پوچتا ترانسىپورت ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇلۇپ، 10دۆلەتنىڭ 15 شەھەرگىچە بارالايدىغان «جۇڭگو-پاۋروپا نۆۋەتچى پويىز» ىنىڭ 39 يولى ئېچىلدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر