باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «كان بايلىقى ھوقۇق-مەنپەئەت فوندى تۈزۈمى ئىسلاھاتى لايىھەسى» نى بېسىپ تارقاتتى

2017.04.21 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن يېقىندا «كان بايلىقى ھوقۇق-مەنپەئەت فوندى تۈزۈمى ئىسلاھاتى لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلدى) نى بېسىپ تارقىتىپ، ئېلىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان يېڭىچە كان بايلىقى ھوقۇق-مەنپەئەت فوندى تۈزۈمى بەرپا قىلىش، دۆلەتنىڭ كان بايلىقى ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش، كان بايلىقى بازارلىرىنىڭ ئادىل رىقابەت مۇھىتىنى بەرپا قىلىشنى بەلگىلىدى.

  «لايىھە» دە تۆۋەندىكىدەك ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچىدىن، ھازىر يۈرگۈزۈلىۋاتقان كان تەكشۈرۈش ھوقۇقى، كان ئېچىش ھوقۇقى پۇلىنى دۆلەتنىڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش، دۆلەت ئىگىدارلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى نامايان قىلىدىغان كان بايلىقى ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش كىرىمىگە ماسلاشتۇرۇپ تەڭشەش كېرەك، مەركەز بىلەن يەرلىك تەڭ بەھرىلىنىش نىسبىتى 4:6 قىلىپ بېكىتىلدى. ئىككىنچىدىن، كان تەكشۈرۈش ھوقۇقى، كان ئېچىش ھوقۇقى خىراجىتىنى كان مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ ئۆزگۈرۈش ئەھۋالى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ جانلىق تەڭشەلگەن كانچىلىق ھوقۇقى خىراجىتىنى يولغا قويۇش كېرەك، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ تەڭ بەھرىلىنىش نىسبىتى 2:8 قىلىپ بېكىتىلدى. ئۈچىنچىدىن، كان مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش ھالقىسىدا، بايلىق بېجى ئىسلاھاتىنى تەشكىللىك يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. تۆتىنچىدىن، ھازىر يۈرگۈزۈلىۋاتقان كان مۇھىتىنى تۈزەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش كاپالەت سوممىسىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ھوقۇق بىلەن جاۋابكارلىقنى بىردەكلەشتۈرۈش، قولايلىق كان مۇھىتىنى تۈزەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش فوندىغا تەڭشەپ ئىشلىتىش كېرەك.

  «لايىھە» دە تۆۋەندىكىدەك ئالاقىدار يانداش ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچىدىن، كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش پايدىسى، كانچىلىق ھوقۇقىغا ئىشلىتىلگەن خىراجەتنى ئادەتتىكى جامائەت خامچوتىنى باشقۇرۇشقا كىرگۈزۈپ، ھەر دەرىجىلىك مالىيەنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ۋە كان ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى چىقىمىغا ئىشلىتىش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، دۆلەت تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ كان تەكشۈرۈش ھوقۇقى ۋە كان ئېچىش ھوقۇقى پۇلىنى ئۆزگەرتىپ دۆلەت كاپىتالىنى ئاشۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دۆلەت كاپىتالىنى ئاشۇرغان كان تەكشۈرۈش ھوقۇقى ۋە كان ئېچىش ھوقۇقى پۇلى تولۇقلاپ تاپشۇرۇلمايدۇ، دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانىلار دۆلەت كاپىتالى قىممىتىنى ساقلاش، ئاشۇرۇش مەسئۇلىيىتىى ئادا قىلىشى ھەم دۆلەت كاپىتالىنى چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئادا قىلغۇچى ئاپپاراتلارنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، كانچىلىق ھوقۇق ئىگىلىرىنىڭ كرېدىت چەكلىمىسى مېخانىزمى بەرپا قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر