خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-ئاپرىل، جۇڭگو يۈرەك، ئۆپكە قان تومۇر ناركوز ئىلمىي جەمئىيىتى يۈرەك، ئۆپكە ھەرىكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەملىكەتلىك كومىتېتى (تۆۋەندە يۈرەك، ئۆپكە ھەرىكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەملىكەتلىك كومىتېتى دەپ ئاتىلىدۇ) شىنجاڭ ئىش باشقارمىسى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلدى. يىغىندا، 60 نەچچە نەپەر كەسپىي خادىمغا يۈرەك، ئۆپكە ھەرىكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لېكتورى تەربىيەلەش دەرسى ئۆتۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 100دىن ئارتۇق كىشىگە ئاممىۋى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيە دەرسى سۆزلەندى.
ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل كرېست جەمئىيىتى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئۈرۈمچى شەھەرلىك كومىتېتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى، شىنجاڭ دوختۇرخانىلار جەمئىيىتى دوختۇرخانا سىرتىدا قۇتقۇزۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، شەھەرلىك دوختۇرخانا سىرتىدا جىددىي قۇتقۇزۇش تورى خىزمەتچىلىرى شۇ كۈندىكى مۇراسىم ۋە تەربىيىلەشكە قاتناشتى.
ئىگىلەشكە قارىغاندا، ئېلىمىزدە ھەر يىلى تەخمىنەن 540 مىڭ ئادەم يۈرەك تۇيۇقسىز توختاپ قېلىش سەۋەپلىك قازا قىلىدىكەن، يەنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر مىنۇتتا بىر ئادەم يۈرەك تۇيۇقسىز توختاپ قېلىش سەۋەپلىك قازا قىلىدىكەن.بۇنىڭ ئىچىدە %80 كىشىنىڭ يۈرىكىنىڭ تۇيۇقسىز توختاپ قېلىشى دوختۇرخانا سىرتىدا يۈز بېرىدىكەن، ئەگەر يۈرەك، ئۆپكە ھەرىكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش-قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئۈنۈملۈك ئىشلىنىپ ۋاقتىدا قۇتقۇزۇۋېلىنمىسا، تۆت مىنۇتتىن ئالتە مىنۇتقىچە مېڭە ۋە باشقا مۇھىم ئەزالارنىڭ قايتا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىشى كېلىپ چىقىدىكەن. ۋەھالەنكى، يۈرەك، ئۆپكە ھەرىكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي قۇتقۇزۇش تېخنىكىسىنىڭ ئېلىمىزدە ئومۇملىشىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان شاڭخەي شەھىرىدىمۇ بۇ نىسبەت پەقەت %15 ئەتراپىدا ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى