خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئەرش كېمىسى ـــ 1» ناملىق يۈك تىرانسپورت ئالەم كېمىسىگە ئورنىتىلغان «ئۇزۇن سەپەر - 7» ناملىق راكېتا 20-ئاپرېل سائەت 19:41دە دۆلىتىمىزنىڭ ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى راكېتا قويۇپ بېرىش مەيدانىدا «ئوت يېقىپ» قويۇپ بېرىلدى، تەخمىنەن 596 سېكۇنتتىن كېيىن، ئالەم كېمىسى بىلەن راكېتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىلىپ، بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا كىرىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى.
بۇ «ئەرش كېمىسى ـــ 1» ناملىق يۈك تىرانسپورت ئالەم كېمىسى بىلەن «ئۇزۇن سەپەر − 7» ناملىق توشۇغۇچى راكېتادىن تەشكىللەنگەن ئالەم بوشلۇقى پونكىتى يۈك تىرانسپورت سىستېمىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق سىناق ئۇچۇشى. ئالەم كېمىسى ئوربىتىغا كىرگەندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئوربىتىدا ئايلىنىدىغان «ئەرش ئوردىسى − 2» بىلەن ئاپتوماتىك كېسىشىپ چېتىشتۇرۇش، ئۆز ئالدىغا، تېز كېسىشىپ چېتىشتۇرۇش قاتارلىق ئۈچ قېتىم كېسىشىپ چېتىشتۇرۇلۇپ، ئىتتەرگۈچنى ئۈچ قېتىم ئوربىتىدا تولۇقلاپ قاچىلايدۇ ۋە بوشلۇقتىن پايدىلىنىش ۋە ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە تۈرلۈك تەجرىبە(سىناق)لارنى قىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە، «ئەرش كېمىسى ـــ 1» بىلەن «ئەرش ئوردىسى − 2»نىڭ بىرىكمە گەۋدىسى ئوربىتىدا تەخمىنەن ئىككى ئاي ئۇچىدۇ، «ئەرش كېمىسى ـــ 1» مۇستەقىل ئۈچ ئاي ئۇچىدۇ. بەلگىلەنگەن ۋەزىپىنى تاماملىغاندىن كېيىن «ئەرش كېمىسى ـــ 1» كونترول قىلىنىپ ئوربىتىدىن ئايرىلىپ، بەلگىلەنگەن بىخەتەر دېڭىز تەۋەلىكىگە چۈشۈرۈلىدۇ؛ «ئەرش ئوردىسى − 2» ئوربىتىدا قېلىپ تەجرىبە-سىناقلارنى داۋاملىق قانات يايدۇرىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى