باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەپەسسىمان پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ رايونى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

2017.04.21 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتە: قەشقەر يېزا سودا بانكىسى كوماندىسى (سېرىق مۇسابىقە كىيىمى) بىلەن ئۈرۈمچى بارىش كوماندىسى (قىزىل مۇسابىقە كىيىمى) مۇسابىقىلەشمەكتە

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-ئاپرىل، «مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە مەن تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىمەن» تېمىسىدىكى قەپەسسىمان پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ رايونى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، قەشقەر يېزا سودا بانكىسى كوماندىسى 4 دە 1 نەتىجە بىلەن ئۈرۈمچى بارىش پۇتبول كوماندىسىنى يېڭىپ، شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىنىڭ چېمپىيونى بولدى، بۇ كوماندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ۋەكىل بولۇپ، بۇ يىل يازدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى غەربىي شىمال رايونى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.

  قەشقەر يېزا سودا بانكىسى كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئالىمجان مۇھەممەت مەكىت ناھىيەسى 3-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى قەشقەر كوماندىسى كىرگۈزگەن 4 توپنىڭ 3ىنى ئۇرۇپ كىرگۈزدى، ئۇ مۇسابىقە توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «بۇ مۇسابىقىگە گەرچە كەسپىي پۇتبولچىلار قاتناشمىغان بولسىمۇ، بىراق كەسپىي پۇتبولچىلار مۇسابىقىسىدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە قالتىس قىزىدى، مۇسابىقە ئارقىلىق مەن ئۆزۈمنىڭ پۇتبول ئارزۇيۇمنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇدۇم، قايتىپ بارغاندىن كېيىن، مەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بىلەن پۇتبول ئېلىپ كەلگەن بۇ خىل تۇيغۇدىن ئورتاقلىشىمەن».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر