خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-ئاپرىل، جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 6-ئايلانما مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا بىرلەشمە مۇسابىقىدىكى داليەن چاۋيۆ كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى 23 ياشلىقلار تۈرىدىكى ماھىر ئابدۇخەمىتنىڭ ياخشى ئىپادىسىگە ئاساسەن، 1 دە 0 نەتىجە بىلەن بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە ئۇدا ئىككى مەيدان ئۇتۇشنى قولغا كەلتۈردى.
شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى لى جۈن مۇنداق دېدى: «23 ياشلىقلار تۈرىدىكى باشقا ماھىرلارغا قارىغاندا، ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىققان ئىككى 23 ياشلىقلار تۈرىدىكى ماھىرلىرىمىز مەيلى غەيرەت-چىدامچانلىقى جەھەتتىن بولسۇن ياكى تېخنىكا جەھەتتىن بولسۇن، ياخشى بولغان ھالەتنى ئىپادىلىدى، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە توختىماستىن ئىلگىرىلىمەكتە.»
داليەن چاۋيۆ كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى لوسىمىر مۇنداق دېدى: «بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، ئابدۇخەمىتنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولدى، 23 ياشلىقلار تۈرىدىكى ماھىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئابدۇخەمىتنىڭ سەۋىيەسى ناھايىتى يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ. مەن بۇ پۇتبولچىنىڭ شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىدىكى پۇتبول يۇلتۇزى بولالايدىغىنىغا ئىشىنىمەن.»
29-ئاپرېل، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى داۋاملىق ساھىبخان سۈپىتىدە ۋۇخەن جو ئېر كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى