باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ئىچكى ئۆلكىلەرگە ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىشقا باردى

2017.04.24 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-ئاپرىل، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئاپتونوم رايونغا ۋە ۋىلايەت-شەھەرلەرگە بىۋاسىتە قارايدىغان بىر قىسىم كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى، شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە سىچۇەن ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. تەكلىپ قىلىش ئوبيېكىتلىرى ئاساسلىقى بېيجىڭ، شاڭخەي، شىئەن، چېڭدۇ قاتارلىق شەھەرلەر ۋە بۇ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، تەكلىپ قىلىش تەلىپىگە، خىزمەت ئورنىنىڭ كەسىپ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تولۇق كۇرس، ماگىستىر ئاسپىرانت ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخى سەۋىيەسىگە ئىگە، بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدىكەن.

  كونكرېت ئىش ئورنى ۋە تەلىپىنى شىنجاڭ جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى تورى ( http://www.xjggjy.com )غا چىقىپ كۆرسە بولىدىكەن. بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا قاتناشقانلاردىن ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق 25 ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگان، كەسپىي ئورۇن؛ ئىلى ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر دەرىجىلىك يەتتە ئورگان، كەسپىي ئورۇن؛ ئۈرۈمچى بانكىسى، شېن خۇا شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق بەش كارخانا بار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر