- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ج خ مىنىستىرلىقى ئالدامچىلىق جىنايەت شايكىسىنى بىتچىت قىلدى
«مىللىي مۈلۈكلىرىنى ئېرىتىش»نى يەمچۈك قىلىپ، توردا كۆپ سوممىلىق مەبلەغنى قايتۇرۇپ بېرىشنى جاكارلىغان ئۇچۇرنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق ئۇچۇرىدۇر
2017.04.24 13:24 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23- ئاپرېل، ج خ مىنىستىرلىقى تيەنجىن قاتارلىق جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ «خەير-ساخاۋەت خەلقنى بېيىتىش باش ئىشتاب» ئاپپاراتى، دەپ ئويدۇرۇپ چىققان ئاپپاراتنى ۋە «مىللىي مۈلۈكلىرىنى ئېرىتىش»نى باھانە قىلىپ ئالدامچىلىق قىلغان مەزكۇر جىنايەت شايكىسىنى بىتچىت قىلدى، ھەمدە چېن فامىلىلىك ۋە لى فامىلىلىك دېگەندەك 31 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئاممىغا شۇنى ئەسكەرتتىكى، «مىللىي مۈلۈكلىرىنى ئېرىتىش»نى يەمچۈك قىلىپ توردا كۆپ سوممىلىق مەبلەغنى قايتۇرۇپ بېرىشنى جاكارلىغان بارلىق ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق ئۇچۇرىدۇر، شۇڭا بۇنداق ئۇچۇرلارغا ئالدىنىپ قالماڭ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇنغا خىلاپ بولغان ھەر خىل ئالدامچىلىق جىنايىتى ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر