باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باج باش ئىدارىسى بۇلتۇرقى ئون چوڭ باج ئالدامچىلىقى دېلوسىنى ئېلان قىلدى

2017.04.21 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت باج باش ئىدارىسى 20-ئاپرېل 2016-يىللىق ئالدامچىلىق، ساختىلىققا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىدىكى تىپىك دېلولارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، بۇلار شاڭخەي خۇڭچۇڭ باج ئالدامچىلىقى دېلوسى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ «5-ئىيۇن» تالوننى كۆز بوياپ كېسىش باج ئالدامچىلىقى دېلوسى قاتارلىق ئون چوڭ باج ئالدامچىلىقى ۋە تالوننى كۆز بوياپ كېسىشتەك قانۇنغا خىلاپ دېلولارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  باج باش ئىدارىسى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ كۆزەتكۈچىسى لى گوچېڭ مۇنداق دېدى: باج ئالدامچىلىقى، تالوننى كۆز بوياپ كېسىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئانالىز قىلىشقا قارىغاندا، نۆۋەتتىكى باج ئالدامچىلىقى، تالوننى كۆز بوياپ كېسىشنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە: تەشكىللەش شەكلى كەسىپلىشىپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار كۆپ ھاللاردا شېرىكلىشىپ جىنايەت سادىر قىلغان، ئەزالارنىڭ ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولۇپ، رايون ھالقىغان جىنايەت تورى شەكىللەندۈرگەن؛ دېلو سادىر قىلىش ۋاسىتىلىرى كۈنسېرى يوشۇرۇنلىشىپ، دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا ئەگىشىپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار تېخىمۇ يوشۇرۇن دېلو سادىر قىلىش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان؛ تارقىلىشى نىسبەتەن مەركەزلىك بولۇپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار كۆپىنچە ئىجتىمائىي باشقۇرۇشى نىسبەتەن ئاجىز ساھەلەرنى تاللاپ باج ئالدامچىلىقى ۋە تالوننى كۆز بوياپ كېسىشتەك قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قىلغان؛ كۆپ ساندىكى دېلولار ئارىلاشما تىپلىق جىنايەتكە تەۋە، باج ئالدامچىلىقى دېلوسى ئادەتتە ئەتكەسچىلىك، پۇل يۇيۇش، قەرز ئالدامچىلىقى قاتارلىق جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، دۆلەتنىڭ باج قايتۇرۇش سىياسىتى ۋە تاشقى سودا، پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر