- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئارقا بوغۇز تارماق رايونىدا تەبىئىي مۇزلۇق مىنېرال سۈيى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى سېلىنىدۇ
2017.04.21 15:49 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل، تەڭرىتاغ 1-نومۇرلۇق مۇزلۇقى تەبىئىي مىنېرال سۈيى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ئارقا بوغۇز تارماق رايونى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى، شۇ چاغدا شەھەر ئاھالىلىرى بۇلغانمىغان، تەبىئىي مۇزلۇق مىنېرال سۈيىنى ئىچەلەيدۇ.
11-ئاپرىل، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى سايباغ رايونى ئارقا بوغۇز مەھەللىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئارقا بوغۇز سانائەت بازىسى ئىچىدىكى كونا سېمونت زاۋۇتى ۋە ھاك زاۋۇتىنىڭ مۇھىتىنى تۈزەش ئارقىلىق، ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يىلىغا 3 مىليون توننا تۆۋەن ناترىيلىق، تۆۋەن مىنېراللىق، سترونتسىي تىپىدىكى تەڭرىتاغ 1-نومۇرلۇق مۇزلۇقى تەبىئىي مىنېرال سۈيى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا مەبلەغ سېلىنىپ قۇرۇلىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ تۈر تۆت قارارغا بۆلىنىپ ئورۇندىلىدىكەن، بۇ يىلنىڭ ئىچىدە ئىش باشلىنىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا
ئالاقىدار خەۋەرلەر