باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016- يىلى شىنجاڭ بىڭتۈەن ج خ ئىدارىسى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىش ۋە دەخلى يەتكۈزۈش دېلوسىدىكى 280 ئادەمنى قولغا ئالدى

2017.04.21 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017- يىلى بىڭتۈەن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشۋىقات ھەپتىلىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە: 2016- يىلى بىڭتۈەن ج خ ئىدارىسى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزۈپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەت گۇماندارىدىن 280 كىشىنى قولغا ئالغان، 33 ئادەم جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، تەپتىش ئورگانلىرى 14 ئادەمنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، 16 ئادەم ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

  بىڭتۈەن ج خ ئىدارىسى رازۋېدكا قىلىش باش ئەترىتىنىڭ باشلىقى خەن چياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2016- يىلى بىڭتۈەن ج خ ئىدارىسى ناچار ساختا مال سېتىشقا چېتىشلىق جىنايەت دېلوسىدىن 30 دېلونى بىر تەرەپ قىلىپ، 16 دېلونى تۇرغۇزدى. بۇنىڭ ئىچىدە، سودا-سانائەت تارماقلىرىغا سەككىز دېلو ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، 12 دېلو پاش قىلىندى، دېلو پاش قىلىش نىسبىتى %75گە يەتتى.

  بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزۈپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشتەك جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش مەزگىلىدە، بىڭتۈەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ساختا تاۋار ياساش ئۇۋىسىدىن 23ىنى بىتچېت قىلغان، تۈرلۈك ساختا ھاراق مەھسۇلاتلىرىدىن 177 مىڭنى ۋە ساختا تاۋار ماركىلىرى قاتارلىق ساختا تاۋار ياسايدىغان خام ئەشيا-ماتېرىياللاردىن 337 مىڭنى بىر توپ ھالدا قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، دېلولارغا چېتىشلىق زاڭ پۇللاردىن ئومۇمىي سوممىسى ئون مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان زاڭ پۇل قولنى چۈشۈرۈپ، كارخانىلارنى 25 مىليون يۈەنلىك ئىقتىسادىي زىياندىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان.

  بىڭتۈەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ بولغان جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى مەزگىلىدە، 3000 (ئادەم قېتىم) كىشىلىك ساقچى ۋە 2000 ئاپتوموبىلنى ئەۋەتكەن بولۇپ، مۇساپىسى 400 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكەن، 2000 نەچچە كارخانىنى ئېنىقلىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر