باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بىزگە سىزدەك ئوقۇتقۇچى كېرەك

2017.04.21 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت) ئەلى مەخەت مۇئەللىم ئەمدىلا 30 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بولۇپ، ئۇ كىچىكىدىنلا ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ تىرىشىپ ئوقۇدى. «ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن» دېگەندەك، دېھقان پەرزەنتى ئەلى مەخەتنىڭ تىرىشچانلىقى يەردە قالمىدى، ئۇ 2008-يىلى شىنجاڭ يېنىك سانائەت ئىنستىتۇتىغا ئۆتۈپ، ئۈچ يىلدا ئالىي تېخنىكومنى پۈتكۈزۈپ، 2011-يىلى يەنە ئىمتىھان بېرىپ شاڭخەي دۇڭخۇەي ئىنستىتۇتىنىڭ تولۇق كۇرسىغا ئۆتتى. ئۇ 2013-يىلى ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاقساقمارال يېزىسى قىچىلىق كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولدى. بىراق، «يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە، بۇرنى قاناپتۇ» دېگەندەك، ئۇنىڭ بۇ خۇشاللىقىمۇ ئۇزاققا بارمىدى. ئۇ ئىشقا چۈشۈپ ئۇزاق ئۆتمەيلا قان راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى بايقالدى. بۇ شۇم خەۋەر ئەلى مەخەت ئائىلىسىدىكىلەرنىڭلا ئەمەس، مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭمۇ كۆڭلىنى ئىنتايىن غەش قىلدى. بۇ مەكتەپتە «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىسى كەمچىل ئىدى. ئەلى مەخەت خەنزۇ تىلى ئاساسى ياخشى، كومپىيۇتېر مەشغۇلاتىغا پىششىق ئوقۇتقۇچى بولغاچقا، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا خېلى ئىلگىرىلەشلەر بارلىققا كەلگەنىدى.

  ئەلى مەخەت ئۆزىمۇ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا خەنزۇچە ئاساسىنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبلىك كۆپ قىينالغان، ئۆز ۋاقتىدا خەنزۇچىنى ياخشى ئۆگەنمىگەننىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقانىدى. ئۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭمۇ كەلگۈسىدە ئۆزىدەك قىينىلىپ قالماسلىقى، «قوش تىل» سەۋىيەسىنى كىچىكىدىنلا يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ياخشى مەكتەپلەرگە ئۆتۈشىگە ئاساس سېلىش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى بەجانىدىللىق بىلەن ئىشلىدى. ئۇ بىر كۈنى چارچاپ ھوشىدىن كەتكەچكە، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ، قان راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقى بايقالدى. دوختۇرلار ھەپتە بۇرۇن كەلگەن بولسا كېسىلىنى كونترول قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. گەرچە ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان يىلىك تېپىلغان بولسىمۇ، خىزمەتكە چىققىنىغا تېخى ئۇزاق بولمىغان ئوغلىنى ئەمدى ئۆيلەپ، ئوبدانلا ھالسىرىغان ئاددىي دېھقان ئائىلىسىگە نىسبەتەن ئوپېراتسىيە پۇلىنى غەملەش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى.

  ئاغرىق ئازابى ئۇنى قىيناپ تۇرغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا بۇ يىل رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلىرىنى تاشلاپ قويمىدى. ئۇ «ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇشۇم، ئۆزۈمنى ئويلاپ ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئىستىقبالى بىلەن ئويناشماسلىقىم كېرەك، ھازىر ئۇلارنىڭ ماڭا ئەڭ ئېھتىياجلىق ۋاقتى» دەپ ئويلاپ، بىر تەرەپتىن خىمىيەلىك داۋالاش قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئۆتۈپ، كەلگۈسىدە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ، ئۆزىگە ئوخشاش ئۆگىنىش ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن دەرس مۇنبىرىدىن ئايرىلمىدى.

  ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاقساقمارال يېزىسىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇردى. ئۇنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بەردى.

  ئەلى مەخەتنىڭ توي قىلغىنىغا بىر يىل بولغانىدى، داۋالىنىش ئۈچۈن ئۆيىنى سېتىۋېتىپ، كەنتتىكى بىر دېھقاننىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتاتتى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئىككى ئېغىزلىق ئۆي ئاجرىتىپ بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، 2016 - يىللىق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فېڭليەن ئەلى مەخەتنىڭ تىرىشچان ھەم مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى، بىراق ئۇنىڭ قان راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن ئېچىندى. ئۇ جۇڭخۇا خەير - ساخاۋەت باش جەمئىيىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئاقساقمارال يېزىسىنىڭ ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىگە 50 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى ھەل قىلىپ، بۇ پۇلنىڭ 51 مىڭ يۈەنىنى ئەلى مەخەتنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى ئۈچۈن ئاجراتتى. ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىمۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، ئەلى مەخەتكە 10 مىڭ يۈەن داۋالىنىش پۇلى ياردەم قىلدى.

  __ ئاقساقمارالدا «قوش تىل»دا دەرس بېرەلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئىنتايىن كەمچىل، بولۇپمۇ ئەلى مەخەتكە ئوخشاش مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچىلار ھەر قانداق بىر مائارىپ ئورنىنىڭ قەدىرلەپ ئىشلىتىشىگە ئەرزىيدۇ. ئۇ ئوقۇغۇچىلىرىنى خەنزۇ تىلى بويىچە تەربىيەلەشكە ھەر ۋاقىت ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق كېسەل بولۇپ قېلىشى كىشىنى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. بىزنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ياردىمىمىز چەكلىك بولۇپ قالدى، بىراق قولىمىزدىن كەلسىلا ھەر قانداق ياردىمىمىزنى ئايىمايمىز. مەن گەرچە كەنتتىن قايتقان بولساممۇ، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمەن، تېخىمۇ ياخشى داۋالىنىش ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلەپ، ئەلى مەخەتكە يەتكۈزۈپ تۇرىمەن،− دېدى ياڭ فېڭليەن.

  ئەلى مۇئەللىمنىڭ شاڭخەيدىكى ئوقۇتقۇچىسى زېڭ يۈپىڭ ئۇنىڭ ساقسىز بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ، ئەينى ۋاقىتتا ئىنتايىن تىرىشىپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچىسى ئۈچۈن بەك ئازابلاندى ھەم ئۇنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن 20 مىڭ يۈەن ياردەم قىلدى.

  __ ئەلى مەخەت بىر ئاددىي دېھقان بالىسى بولسىمۇ، ئۇنىڭ يۈكسەك ئارزۇ - ئارمانلىرى بار ئىدى، ئۇ دائىم «يۇرتۇمغا قايتىپ بارسام، سىزدەك ياراملىق ئوقۇتقۇچى بولىمەن»، دەيتتى. ئۇنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قاتلىما نان پىشۇرۇپ خالتىغا سېلىپ، خالتا سىرتىغا «ئەلى، غەيرەت قىل» دەپ خەت يېزىپ، ھەر بىر خالتا قاتلىما ناننى ئون يۈەنگە ساتتىم. شۇنداقلا دوستلار چەمبىرىكى، مىكرو بىلوگلىرىم ئارقىلىق قاتلىما نان سېتىشتىكى مەقسىتىمنى ئاشكارىلىدىم. جەمئىيەتتە ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ئىنتايىن كۆپ ئىكەن. ئۇلار ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، قاتلىما نانلىرىم ناھايىتى تېز سېتىلدى. مەن 20 مىڭ يۈەن غەملەپ، ئەلى مەخەتكە ئەۋەتتىم، − دېدى زېڭ يۈپىڭ مۇئەللىم.

  كونىلاردا «قول قولنى يۇيسا، قول كېلىپ يۈزنى يۇيىدۇ» دېگەن گەپ بار. ئەلى مەخەتنىڭ كېسەل بىلەن ئېلىشىش داۋامىدا دەرسخانىدىن ئايرىلمىغانلىقى ئوقۇغۇچىلىرىنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. ئوقۇغۇچىلار مېھرىبان ئۇستازى ئەلى مەخەتنى ئايايتتى، سىنىپتا ئارتۇقچە ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلمايتتى. ئۇلار ئەلى مۇئەللىمنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تىرىشىپ ئۆگەندى. ئەلى مۇئەللىمنىڭ بۇنىڭدىن دىلى سۆيۈندى. ئۇ كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ:

  __ بېشىمغا ئېغىر كۈنلەر كەلگەندە، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بېشىمنى سىلىدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فېڭليەن ئاچام ماڭا نۇرغۇن ياردەم قىلدى، ئۇ گەرچە بۇ يەردىكى خىزمىتىنى تۈگىتىپ قايتقان بولسىمۇ، مېنىڭ ئەھۋالىمنى بۇ يىل كەلگەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرگە ئالاھىدە تاپىلىدى. ھازىر خىزمەت ئەترىتىدىكى ليۇ زۇڭ ئاچام دائىم مەكتەپكە كېلىپ ھال سوراپ تۇرۇۋاتىدۇ. مېنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالغىنى 5500 كىلومېتىر يىراق شاڭخەيدىكى ئوقۇتقۇچۇمنىڭ مەن ئۈچۈن قاتلىما نان سېتىپ پۇل تەييارلىغانلىقى بولدى. ناھىيە رەھبەرلىرى، پارتىيە، ھۆكۈمەت مېنىڭ سالامەتلىكىم ئۈچۈن ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. ئەتراپىمدىكى ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمى مېنى كېسەل بىلەن ئېلىشىپ، ياش غۇنچىلىرىمنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش ئىرادىسىگە ئەكەلدى. مەن ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئىمتىھانى تۈگىسىلا، يىلىك ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇپ، سالامەتلىكىمنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مېنى تەربىيەلىگەن ۋە ماڭا ياردەم قىلغان بارلىق ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاشقا، ياراملىق يېزا ئوقۇتقۇچىسى بولۇشقا بەل باغلىدىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر