باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ترامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا ئېرىشكەن ياردىمى تارىخىي رېكورت ياراتتى

2017.04.21 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى دونالىد ترامپ بۇ يىل 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋاشىنگتون ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش قەسىمى بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ 45-زۇڭتۇڭى بولدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 19-ئاپرېل ئېلان قىلغان ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا نۇرغۇن كارخانا ۋە شەخسلەر مەردلىك بىلەن ئىقتىسادىي ياردەم بېرىپ، جەمئىي 106 مىليون 700 مىڭ دوللار (تەخمىنەن 734 مىليون يۈەن) ياردەمگە ئېرىشىپ، تارىختىكى يېڭى رېكورتنى ياراتقان.

  زۇڭتۇڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا، ترامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش پائالىيىتى فوندىنىڭ سوممىسى سابىق زۇڭتۇڭ باراك ئوباما 2009-يىلى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. ئوباما 2009-يىلى 53 مىليون 200 مىڭ دوللار(تەخمىنەن 366 مىليون يۈەن) ياردەمگە ئېرىشىپ، سابىق زۇڭتۇڭ جورجى بۇش(كىچىك بۇش) 2005-يىلى ياراتقان رېكورت، يەنى 42 مىليون 300 مىڭ دوللار ياردەمگە ئېرىشكەن رېكورتنى يېڭىلىغان.

  ترامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش پائالىيىتى فوندىغا ياردەم قىلغانلار تىزىملىكىدىكى ئەڭ كۆپ ياردەم بەرگۈچى لاتارىيەچىلىك كەسپىنىڭ ماگناتى شېلدون ئادېلسون بولۇپ، 5 مىليون دوللار(تەخمىنەن 34 مىليون 420 مىڭ يۈەن) ياردەم قىلغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر