باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ سەھىيە-داۋالاش ئىشلىرىغا 11 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلىنىپ، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇش قەدىمى تېزلىتىلدى

2017.04.21 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت ساھەسىگە 11 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، 2016-يىلىدىكى 7 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە قارىغاندا 4 مىليارد 300 مىليون يۈەن ئاشۇرۇلۇپ، ئېشىش نىسبىتى %58.1 بولغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يىن يۈلىن مۇنداق دېدى: «ئومۇمەن ئېيتقاندا، سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرى يەنىلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئاجىز ھالقا، شۇڭا بـۇنىڭدا بىز ھەرىكىتىمىزنى تېزلىتىپ، باشقا ئۆلكىلەرنىڭ رېتىمىغا يېتىشىپ تېز ئىلگىرىلىشىمىز، ئامال بار تەڭ ئىلگىرىلىشىمىز، ئەلۋەتتە، ئاخىرىدا بىر قىسىم ساھەلەردە ئېشىپ كېتىشىمىز، يول باشلاپ ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. بىز چوقۇم دىققىتىمىزنى قىزىق نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يەڭگەندىلا، ئاندىن ساغلام شىنجاڭ قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر