- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2017-يىلى 1-پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 7661 يۈەن بولدى
2017.04.21 15:56 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-ئاپرىل مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1-پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 7661 يۈەن بولۇپ، نامدا %7.8 ئېشىپ، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىي ئېشىشى %5.8 بولغان.
كىرىم قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ مائاش خاراكتېرلىك كىرىمىنىڭ ئېشىشى %8.6، تىجارەت ساپ كىرىمىنىڭ ئېشىشى %1.8، مال-مۈلۈك ساپ كىرىمىنىڭ ئېشىشى %5.9، كۆچمە ساپ كىرىمىنىڭ ئېشىشى %9.4 بولغان.
يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 1400 يۈەن بولۇپ، نامدا %8.1 ئېشىپ، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىي ئېشىشى %6.2 بولغان. كىرىم قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، مائاش خاراكتېرلىك كىرىمىنىڭ ئېشىشى %7.6، تىجارەت ساپ كىرىمىنىڭ ئېشىشى %12.2، مال-مۈلۈك ساپ كىرىمىنىڭ ئېشىشى %3.6، كۆچمە ساپ كىرىمىنىڭ ئېشىشى %4.7 بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا
ئالاقىدار خەۋەرلەر