باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستان ھەربىي تەرەپ 30 تېررورچىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈردى

2017.04.21 14:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پاكىستان ھەربىي تەرەپنىڭ 19- ئاپرېلدىكى بىر باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: پاكىستان قورۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئىشتاب باشلىقى بادگېر كاھىش 30 تېررورچىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش توغرىسىدىكى بۇيرۇققا ئىمزا قويدى.

  مەزكۇر باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: بۇ تېررورچىلار پېشاۋاردىكى ھەربىيلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئوقۇيدىغان مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىش، پۇقرالارنى ۋە قوراللىق قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنى تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان، ھەمدە سۋارت جىلىسىغا جايلاشقان بىر ئايرودۇرۇمغا ھۇجۇم قىلغان.

  2014- يىلى 12- ئاينىڭ 16- كۈنى، ھەربىيلەر سىياقىدىكى بىر توپ قوراللىق ئۇنسۇرلار پېشاۋاردا ھەربىيلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئوقۇيدىغان بىر مەكتەپكە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، نەتىجىدە 150 كىشى قازا قىلغان.

  پاكىستاندىكى تالىبانلار بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. پېشاۋاردىكى قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، پاكىستان ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ئالاھىدە ھەربىي سوت قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئېلان قىلىپ، تېررورىزمغا بولغان قورقىتىش كۈچىنى ئاشۇردى. ئالدىنقى ئايدا، پاكىستان پارلامېنتى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، مەزكۇر ئالاھىدە ھەربىي سوتنىڭ مۆھلىتىنى ئىككى يىل ئۇزارتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر