- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
باي ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ نىسى قالدۇرۇلغان 10 مىليون 300 مىڭ يۈەن ئىش ھەققىنى نەقلەشتۈردى
2017.04.21 16:35 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋەر قىلىدۇ) بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، باي ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىجرا مېخانىزمىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغدىدى.
ئىگىلىنىشچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بۇ مەھكىمە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نىسى قالدۇرۇش دېلوسىدىن 68نى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭدىن 54 دېلونىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ نىسى قالغان 10 مىليون 300 مىڭ يۈەن ئىش ھەققىنى نەقلەشتۈرگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا
ئالاقىدار خەۋەرلەر