باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كادىرلارنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى ياخشى ئۈلگە

2017.03.29 15:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇ ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن جان - دىل بىلەن مۇلازىمەت قىلدى، ھەر مىللەت ئامما ئۇنى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلايدۇ. ھايات چېغىدا شايار ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان ۋاڭ چياڭ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا جان - دىل بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ئۈچۈن، كۈچلۈك كادىرلار قوشۇنىنىڭ بەلگە خادىسى ۋە ئۈلگىسىنى تىكلەپ، كادىرلارنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى ئىسمى - جىسمىغا لايىق ئىلغار تىپقا ئايلاندى.

  ئالتۇن - كۈمۈش لوڭقىلار ئەلنىڭ ماختىشىغا يەتمەيدۇ. ۋاڭ چياڭ كەتتى، ئەمما ئۇ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. «ۋاڭ مۇدىر ئۇيغۇر تىلىدا راۋان سۆزلىيەلەيدۇ، يىغىن ئاچقاندا، كەنتلەرگە بېرىپ ئائىلىلەرگە زىيارەتكە كىرگەندە ئۇيغۇر ئامما بىلەن ئىچقويۇن - تاشقويۇن بولۇپ كېتىدۇ»، «بۇ ياخشى ئاكامنىڭ سەمىمىي تەلىمى بولمىغان بولسا، بۈگۈنكى كۈنۈممۇ بولمىغان بولاتتى». بۇ ئالقىشلار ئاممىنىڭ بىر پارتىيەلىك كادىرغا بولغان ئىشەنچىسى ۋە قوللىشى، ھۆرمىتى ۋە ھىمايىسىنى ئىپادىلىدى، بىر پارتىيەلىك كادىرنىڭ غايە - ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك سىياسىي خىسلىتىنى ھەقىقىي نامايان قىلدى.

  ئۇنىڭ پۇقرالارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان خەلقچىللىق ھېسسىياتىنى ئۆگىنىش كېرەك. ۋاڭ چياڭنىڭ قىلچىمۇ ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلىمەي، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەش روھى كوممۇنىستلارنىڭ قىممەت ئىنتىلىشىنى، كوممۇنىستلارغا خاس پەزىلەتنى نامايان قىلدى. ۋاڭ چياڭنىڭ قەلبىدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشى ئەڭ چوڭ ئىش ئىدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نوپۇسىنى ھەل قىلىشىغا، يېڭى ئۆي سېلىشىغا ياردەم بېرىش؛ دېھقانلارنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئالاقىلىشىش؛ نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش، ئۇلارغا ياردەم بېرىش، پۇل ئىئانە قىلىش، نەرسە - كېرەك سوۋغا قىلىش؛ ياردەم بېرىلىدىغان ۋە تەربىيەلىنىدىغان ئوبيېكتلارغا سەۋرچانلىق بىلەن ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەپ، ئۇلارنى خاتا يولغا ماڭغان كىشىلەردىن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىدىغان تەشۋىقاتچىغا، كەنتتىكى قانۇن، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىدىغان باشلامچىلارغا ئايلاندۇرۇش... ۋاڭ چياڭ ئاممىغا قانچىلىغان ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ، لېكىن ئۇ ئۆيىنىڭ شەخسىي ئىشلىرىدىن بىرىنىمۇ بېجىرمىدى، ۋاڭ چياڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىشلىرىنى مۇھىم بىلىدۇ، كۆڭلىدە ئاممىنىڭ ئىشىلا بار، ئۆز ئۆيىنىڭ ئىشىنىڭ بىرىنىمۇ سىغدۇرالمايدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان سادىقلىقىنى، ھەر مىللەت ئاممىغا بولغان قىزغىنلىقىنى ئىسپاتلىدى. ۋاڭ چياڭنىڭ قىممەتلىك يېرى ئۇنىڭ خىسلىتىدە، پارتىيەگە بولغان مېھىر - مۇھەببىتىنىڭ قىلچە ئۆزگەرمىگەنلىكىدە، ئۆزىنىڭ شەخسىي غەرىزىنى قەتئىي ئارىلاشتۇرماي، پاك - دىيانەتلىك بولۇپ، خەلق ئۈچۈن بەجانىدىل ئىشلىگەنلىكىدە.

  ئۇنىڭ ئىش قىلىشتا مەسئۇلىيەتچان بولۇشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى ئۆگىنىش كېرەك. ۋاڭ چياڭنىڭ قىيىن ئىشتىن قاچماي باتۇرلۇق بىلەن ئالغا بېسىشتەك روھى كوممۇنىستلارنىڭ «جەمئىيەت ئۈچۈن مەنىۋى قىممەت تىكلەش، ئاۋامغا ھاياتنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلدۈرۈش»تەك ئىنتىلىشىنى نامايان قىلدى. يېڭىمەھەللە بازىرىدەك ئارقىدا قالغان بۇ نۇقتىلىق يېزا - بازاردا، «مۇقىملىق يولى ئېچىش كېرەك»، «تەرەققىيات يولى ئېچىش كېرەك»، «ئۇزاققىچە ئەسقاتىدىغان يول ئېچىش كېرەك» دېگەن نىشاننى تۇرغۇزدى. ئۇ «ئون تۈتۈن بىرلىشىپ مۇداپىئە قىلىش ئاساس قىلىنغان، ئامما مۇداپىئە قىلىدىغان، ئىدارە قىلىدىغان مۇقىملىقنى قوغداش» خىزمەت تەپەككۇرىنى بېكىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، تۈزۈم مېخانىزمىغا كاپالەتلىك قىلىپ، «يېڭىمەھەللە بازىرىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش تەجرىبىلىرى»نى بارلىققا كەلتۈردى، بۇ تەجرىبە ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئومۇملاشتۇرۇلدى ۋە كېڭەيتىلدى؛ ئۇ ئامال قىلىپ كەنت ئاھالىلىرىنى چىلان، ياڭاق ئاساس قىلىنغان خاس باغۋەنچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال يېتەكلىدى، دەسلەپتە كەنت ئاھالىلىرى قوللىمىغان، ئېتىراپ قىلمىغان، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشقان ئەھۋالدا، ئۇ ۋاز كەچمىدى، ھەتتا ئۇلارنى ئەيىبلىمىدى، بەلكى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، ئەلرايىنى ئىگىلەش، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش جەھەتتە زېھنىي كۈچىنى سەرپ قىلىپ، خىزمەت ئىشلەپ، ئاخىرىدا كادىرلار ۋە ئاممىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، كەسىپتە يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرىدىغان، بار بولۇشتىن ئەلالاشتۇرىدىغان، ساندىن سۈپەتكە تەرەققىي قىلىش يولىدا ماڭدى. ۋاڭ چياڭ نۇرغۇن ئىش ئورنىدا خىزمەت قىلغان، ئەمما قايسى ئىش ئورنىدا بولسۇن، ئۇ شۇنداق تىرىشىپ ئىشلىدى، مەيلى قايسى ئىش ئورنىدا بولسۇن، ئۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش بىر خىل بۇرچ، كۈچلۈك كەسىپچانلىقنىڭ ئىپادىسى، ياخشى روھىي كەيپىياتنىڭ ئىنكاسى، شۇنداقلا ئىدىيەۋى ساپا، پارتىيەۋىلىك ئېتىقادىنى تەكشۈرۈشنىڭ سىنتېشى.

  شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تۈپ جەھەتتىن كۈچلۈك كادىرلار قوشۇنىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ۋاڭ چياڭ بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرى ۋە روھى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنى قىممەت بەلگىسى ۋە ھەرىكەت يۆنىلىشى بىلەن تەمىنلىدى، ئۇنىڭغا ئوخشاش جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان مۇشۇنداق «ياخشى كادىرلار» كۆپەيگەندىلا، ئاندىن ھەر مىللەت ئامما ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىدۇ، ئۆزگىرىشنى كۆرەلەيدۇ، ئىللىقلىقنى ھېس قىلالايدۇ، ھەر مىللەت ئامما ئاندىن سەمىمىيلىك بىلەن پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدۇ. بىز تېخىمۇ كۆپ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە، «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس ھەرىكىتىدە، ۋاڭ چياڭنىڭ ئىش ئىزلىرى ئارقىلىق مەنىۋى كۈچنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى باياشات، ئاسايىشلىق گۈزەل ئەتىگە يېتەكلەيدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىمىز!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر