باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سۆزنىڭ روھىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي خىزمەتكە يېتەكچى قىلايلى

−−ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغالدى

2017.03.29 15:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ئېڭىمىز ۋە كەسىپچانلىقىمىز بىلەن خىزمىتىمىزنى ياخشى ئىشلەيمىز.

  خوتەن ۋىلايىتى

  مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە، يىراقنى كۆزلەشكە قويۇپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، يۇرت - ماكانىمىزنى گۈللەندۈرىمىز

  خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىپ، ناھىيە، شەھەر، تارماق ۋە ئورۇنلاردىن تۈرلۈك سىياسەت مەدىتىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يەرنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، سىياسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەبلەغنىڭ ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، شەھەرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى؛ ئەنئەنىۋى ئىدىيەۋى قاراشلارنى چۆرۈپ تاشلاپ، قارىغۇلارچە كۆچۈرمەي، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش بىلەن كەسىپ تەرەققىياتىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، مۇجەسسەملەش ۋە ئېلىپ قېلىش تەلىپى بويىچە، كەسىپ ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى، كەسىپ بىلەن شەھەرنى بىرلەشتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دېھقان - چارۋىچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىشنى؛ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار ئېھتىياجى كۈچلۈك، ئىستىقبالى پارلاق مەھسۇلاتلارنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈپ، خوتەننىڭ خاس ئورگانىك يېشىل مەھسۇلاتلىرىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشنى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ توغرا كەيپىياتنى باشلامچىلىق بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، بۇرچنى ياخشى ئادا قىلىپ، قەتئىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ناتوغرا كەيپىياتقا قارشى تۇرۇپ، ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «ھەممە ئادەم تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشقا قاتنىشىش» ئېڭىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەشنى؛ ناھىيە، شەھەر، تارماق، ئورۇنلارنىڭ باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ھەل قىلىپ، خىزمەت ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

  ئالتاي ۋىلايىتى

  باش نىشاننى چۆرىدەپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئاتىمىز

  ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىپ، ناھىيە، شەھەر، تارماق، ئورۇنلاردىن مەركەزلىك ئۆگىنىش، سۆز قىلىش، مۇھاكىمە قىلىش، نەق مەيداندا باھالاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى چۈشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ھەم قەتئىي، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

  بىرىنچىدىن، ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى جۈملىمۇجۈملە تولۇق ئۆگىنىش؛ «باش نىشاننى چۆرىدەپ، <بىرىكمە مۇشت>نى ياخشى ئېتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇش» نىڭ روھى ۋە مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، قەلبىدە چىڭ ساقلاش كېرەك. ئىككىنچىدىن، خىزمەتلەرنى ئۆلچەمگە سېلىشتۇرۇش، باش نىشانغا توغرىلاش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى خىزمەتلىرىمىزنىڭ ئەڭ يۇقىرى پىرىنسىپى قىلىش؛ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئىنتىزامى، «مىزان»نىڭ تەلىپى، مەركەزنىڭ «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە»سى بويىچە ئۆلچەمگە سېلىشتۇرۇش؛ ئىلغارلار، نەمۇنىچىلار ئۆلچىمىگە سېلىشتۇرۇش؛ توغرا كىشىلىك قاراش، قىممەت قارىشى، دۇنيا قاراش ئۆلچىمىگە سېلىشتۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، تەدبىرلەر كونكرېت بولۇشتا، تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى كونكرېت قېلىپلاشتۇرۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى ئۆلچىمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تۆتىنچىدىن، ئىدىيە جەھەتتە سەزگۈر بولۇشتا، سىياسىي جەھەتتە ھەر ۋاقىت سەزگۈرلۈكنى ساقلاش كېرەك.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى

  باش نىشاننى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتىمىز

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم مەركىزىي نەزەرىيە ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلغاندا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى خىزمەتتە، ئىش ئورنىدا تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرىكەتتە نامايان قىلىش كېرەك؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي پۇختا تۇرغۇزۇپ، بارلىق خىزمەتلەرگە باش نىشان ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىش، پىلانلاش ۋە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ مۇقىملىققا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئېتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش؛ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەبلەغنى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك موتور قىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، بالدۇر ئىشلەش، بالدۇر ئىنچىكىلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئالدىدا مېڭىشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، دادىل بولۇش، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىيات ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.

  قومۇل شەھىرى

  ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىمىز

  قومۇل شەھەرلىك پارتكوم مەركىزىي نەزەرىيە ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلغاندا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: شەھەر بويىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن قەتئىي بىرلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. يەنىمۇ تەپەككۇر قىلىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زىممىمىزدىكى ئېغىر تارىخىي بۇرچ ۋە مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەتنى چوڭقۇر تونۇپ، قومۇل شەھىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەت مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا «ياخشىلاپ»، تېخىمۇ پۇختا «ئىشلەپ»، ئۇزاققىچە كونكرېت، چىڭ تۇتۇپ، كىبىرنى تاشلاپ چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز جاڭ يۇڭ، چۇ خۈيفاڭ، جېڭ مىڭ، جېڭ لىيۈەن يازغان)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر