باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» خوتەن ۋىلايىتىدىكى كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

تەشەببۇسكارلىق بىلەن قەتئىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمىز

2017.03.29 15:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يېقىندا ئېلان قىلغان«ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» خوتەن ۋىلايىتى، بولۇپمۇ كېرىيە ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا داۋاملىق كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك تەشەببۇسكارلىق بىلەن قەتئىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  توختىباقى توختىمەمەت خوتەن ناھىيەسىنىڭ لايقا يېزىسى داكۈي كەنتىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بەش مو ياڭاقلىقى بار، يىللىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. بۇ نەچچە كۈن دەل ياڭاقنى چاتاش مەزگىلى بولۇپ، قوشنىسى ئۇنىڭغا ياردەملىشىۋاتاتتى. يېزا كادىرلىرى ئېتىز بېشىغا كېلىپ «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»نى تەشۋىق قىلدى. توختىباقى توختىمەمەت مۇنداق دېدى: ھازىر دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى ياخشى، لېكىن بىر ئوچۇم يامان غەرەزلىك كىشىلەر گۈزەل تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ، مەن ئۇلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  داكۈي كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى توختىيۈسۈپ ئىمىن مۇنداق دېدى: «ئۈچ خىل كۈچ» ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان «يامان سۈپەتلىك ئۆسمە»، ئاساسىي قاتلامدىكى ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دادىل پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئاممىغا قارىتىلغان تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  خوتەن ۋىلايەتلىك چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىنىڭ كادىرى ۋېي خۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»نىڭ تەسىرى ۋە تۈرتكىسىدە، تېخىمۇ كۆپ كىشى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ دادىل پوزىتسىيە بىلدۈردى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئىدىيە بىرىكمە كۈچى شەكىللىنىۋاتىدۇ. ھەر بىرىمىز باش نىشان ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشقا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىشىمىز كېرەك.

  كېرىيە ناھىيەلىك 1 - تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ياسىن مۇسا مۇنداق دېدى: پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا زىممىمىزگە ئالغان مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىزنى ئېسىمىزدە مەھكەم ساقلاپ، يېزا باشلىقى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنغا ئوخشاش دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

  كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىلىق سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى تۇرسۇنجان خوجى مۇنداق دېدى: ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ دادىل پوزىتسىيە بىلدۈرۈش روھى ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جىنايەتچىلەرگە ھېچقانداق يوشۇرۇنغۇدەك بوشلۇق قالدۇرمايمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر