باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پىكىر» نى بېسىپ تارقىتىپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش ۋە تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2017.03.29 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا« <ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش> ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش ۋە تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» نى بېسىپ تارقاتتى ھەم «ئۇقتۇرۇش» چۈشۈرۈپ، جايلار ۋە تارماقلارنىڭ ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش ۋە تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش-ئىدىيەۋى قۇرۇلۇش، تەشكىلات قۇرۇلۇشى، تۈزۈم ئارقىلىق پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتىكى كۈچلۈك تۇتقا، پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى، سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى، شۇنداقلا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك، ئاساسىي قۇرۇلۇشى. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش ۋە تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش پۈتۈن پارتىيەنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن يەنىمۇ قوراللاندۇرۇش، پۈتۈن پارتىيەنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىشتا مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش ۋە تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئىدىيەۋى تەربىيەنى باشتىن-ئاخىر 1-ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھەرىكىتىنى پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە نىزامى بويىچە قېلىپلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن مېڭىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچى قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنى ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش، بىلىش بىلەن ھەرىكىتىنى بىرلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، سىياسىي ئېڭى، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سىياسىيدا، ئىنتىزام ئىجراسىدا، ئەخلاقتا، رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا لاياقەتلىك بولۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ فۇنكسىيەسىنى تولۇق ئادا قىلىش ۋە يادرولۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەۋىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جىرى قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر