باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» تېمىسىدىكى تەربىيە كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

2017.02.16 16:13         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» تېمىسىدىكى تەربىيە كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. بۇ كۆرگەزمىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، شىنجاڭنى قوغداش، ئېچىش، گۈللەندۈرۈش يولىدىكى جانلىق كارتىنىلىرى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

  ئۇقۇشىمىزچە، بۇ تەربىيە كۆرگەزمىسى بەش قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ۋاقىت تەرتىپى بويىچە مۇھىم تارىخىي ئىشلار، مۇھىم شەخسلەر، مۇھىم پائالىيەتلەر ئاساسىي گەۋدە قىلىنىپ، 300دىن ئارتۇق سۈرەت، 130دىن ئارتۇق بۇيۇم تاللاپ كۆرگەزمە قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى، ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە قىلغان غەمخورلۇقى، شىنجاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىقتىسادىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم، مىللەتلەرنىڭ ئىناق - ئىتتىپاق ئۆتۈۋاتقانلىقى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتقانلىقى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پارلاق كەلگۈسى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن نامايان قىلىنىپ، ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق ھىمايە قىلىۋاتقانلىقى، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە قەتئىي ئىرادىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى - سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شۆجۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېيغا كېلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» تېمىسىدىكى تەربىيە كۆرگەزمىسىنى كۆردى.

  بۇ كۆرگەزمىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىن يەكشەنبە كۈنىگىچە چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 9:30دىن 11:30گىچە، چۈشتىن كېيىن سائەت 1:30دىن 3:30گىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېيغا بېرىپ كۆرسە بولىدىكەن. كەسپىي چۈشەندۈرگۈچىلەر كۆرگەزمە مەزمۇنىنى ئەستايىدىل، ئىنچىكە چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر