باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2017.02.16 16:12         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، مەركەزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججىتىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان <رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش بەلگىلىمىسى> ۋە <رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئالاقىدار شەخسىي ئىشلار دوكلاتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى> توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ۋە «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان <خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش پىكرى> توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ھەم ئۆگىنىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «بەلگىلىمە» ۋە «چارە»دە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بۇ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە تەشكىلىي ئىنتىزامىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىنتىزام ئېڭى، قائىدە ئېڭى ۋە تەشكىل ئىدىيەسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بەلگىلىمىدىكى تەلەپ بويىچە ئالاقىدار شەخسىي ئىشلارنى ئەينەن دوكلات قىلىپ، نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش كېرەك؛ تەشكىلات، كادىرلار خىزمىتى بۆلۈمى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆزى ئالاقىلىشىشكە مەسئۇل بولغان رەھبىرىي كادىرلارنىڭ دوكلات ماتېرىيالىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىپ، ئۆتكەلنى ئىگىلەپ، بىر دەرىجىلىك يەنە بىر دەرىجىلىككە مەسئۇل بولۇشى، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام چىڭىتىشى كېرەك. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى شۇ رەھبىرىي كادىرنىڭ سەمىمىي - سادىق، پاك - دىيانەتلىك بولغان - بولمىغانلىقىنى ئۆلچەشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىپ، سىياسىي كېڭەشتىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئالاقىدار شەخسىي ئىشلار دوكلاتىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ سىناققا بەرداشلىق بېرەلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: «پىكىر»دە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ، پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ نىزام بويىچە دېموكراتىك نازارەت قىلىشىنى قوللاش ۋە كاپالەتلىك قىلىش» توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىرلىرىنىڭ كونكرېت ئىپادىلىنىشى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا ئەمەل قىلىنىدىغان قوللانما ۋە ھەرىكەت قىبلىنەماسىدۇر. ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلىپ بېكىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتى مەخسۇس تېما تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش مەزمۇنى، شەكلى، تەرتىپى، نەتىجىسىنى يوللاش قاتارلىقلارنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇ يىللىق دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى تەشكىللەپ، «پىكىر»نىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇشتا پىلان، تېما، ۋاسىتە، ئۈنۈم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنىڭ رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا يەنە سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىنىڭ يىغىن ئىستىلى، يىغىن ئىنتىزامىنى نازارەت قىلىش خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يىغىن ئىستىلى، يىغىن ئىنتىزامىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش −− سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ تەلىپى، شۇنداقلا سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش خىزمىتىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسى. بۇنىڭدىن كېيىن، يولغا قويۇشقا بولىدىغان ئۈنۈملۈك ياخشى ئۇسۇل، ياخشى مېخانىزمنى داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىدار مېخانىزمنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس بەي جىجيې، ليۇ يەنلياڭ، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس رىزۋان ئەبەي، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جىيۇڭ، چېڭ جېنشەن، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، قادىرقان مىراسقان، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ خەن جۈن يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر