باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى پىروگرامما››نى ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاش، تەكشۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى تۇرپاندا تەكشۈرۈشتە بولدى

2016.06.21 15:27         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى پىروگرامما››(‹‹شىنجاڭ ئاياللار تەرەققىيات پىروگراممىسى››، ‹‹شىنجاڭ بالىلار تەرەققىيات پىروگراممىسى››)نى ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاش، تەكشۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 15 – ، 16 – ئىيۇن تۇرپاندا ‹‹ئىككى پىروگرامما››نىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئوتتۇرا مەزگىللىك تەكشۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس خۇ خەنمىن تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

  تەكشۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، ئىدىقۇت رايونى بۇيلۇق كوچا باشقارمىسى، تۇرپان شەھەرلىك كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، پىچان ناھىيەلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپ، پىچان ناھىيەلىك ئانا – بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسى، پىچان‹‹دىلخۇش›› مىللىي كىيىم – كېچەك چەكلىك شىركىتى، لۈكچۈن بازارلىق ‹‹قوش تىل››يەسلىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا تۇرپان شەھىرىدىكى ئاياللارنىڭ كەسپىي تېخنىكا بىلەن تەربىيەلىنىش، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئەھۋالى، ئاياللار، بالىلارنىڭ ياشاش مۇھىتى، تەربىيەلىنىشى، داۋالىنىش كاپالىتى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنىڭ قوغدىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەكشۈردى.

  ئۇقۇشىمچە، پىچان‹‹دىلخۇش›› مىللىي كىيىم – كېچەك چەكلىك شىركىتى 200 دىن ئارتۇق ئايالنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ھازىرغىچە 500 گە يېقىن ئايالنى تىككۈچىلىك كەسپى بويىچە تەربىيەلەپتۇ، بۇ شىركەتتە تەربىيەلىنىپ چىققان ئاياللار ئەتراپىدىكى ئاياللارنى يېنىغا تارتىپ، ئۇلارنى بىرەر ئىش – ئوقەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشكە يېتەكلەپتۇ.

  ھازىرغىچە تۇرپان شەھىرىدە ئاياللار يېتەكچىلىك قىلغان كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 134 ى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۇ كوپىراتىپلاردا ئىشلەۋاتقان 6730 ئايالنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشى 18 مىڭ يۈەنگە يېتىپتۇ.

  تەكشۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ‹‹ئىككى پىروگرامما››نى يولغا قويۇشنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىناق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئۇنى مۇھىم ۋەزىپە قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ئاياللار، بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىش، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلىغانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر