باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى توققۇزغا يېتىپ، غەربىي شىمال بويىچە 1 –ئورۇندا تۇردى

2016.06.21 15:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015 – يىل 7 – ئاينىڭ 20 – كۈنى قەشقەر كوناشەھەر رايونى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى دېگەن نامغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭدىكى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى توققۇزغا يېتىپ، غەربىي شىمالدىكى ئۆلكە – رايونلار ئىچىدە 1 – ئورۇندا، مەملىكەت بويىچە 2 – ئورۇندا تۇردى.

  5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ قانچىلىكلىكى بىر رايوننىڭ ساياھەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. 2010 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭدا 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن ئۈچى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 6 – ئورۇندا، غەربىي شىمال رايونى بويىچە 3 – ئورۇندا تۇراتتى. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، شىنجاڭ ئېسىل مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قۇرۇش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن تېزلەتتى. ‹‹12 – بەش يىل››مەزگىلىدە، دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى ئالتىگە يەتتى، بۇ شىنجاڭنىڭ 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىنى كۆپەيتىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن دېرەك بېرىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئېسىل مەھسۇلاتلىرى توپى ئەندىزىسىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى ئىپادىلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى 2020 – يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىنى 15 كە يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى.

  2015 – يىلى 11 – ئايدا، خېجىڭ بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى ۋە تېكەس قاراجۇن مەنزىرە رايونى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى مەنزىرىسى سۈپىتىنى تەكشۈرۈشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى، ھازىر يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ يىل دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىدىن ئۈمىد بار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر