باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى 1- ئىيۇندىن باشلاپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قالدۇق گازىنى تەكشۈرۈشنى يولغا قويىدۇ

2016.05.19 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى چىقارغان قالدۇق گازنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ئۈچۈن، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى 1- ئىيۇندىن باشلاپ، ئىشلىتىلىۋاتقان ماشىنىلارغا قارىتا قالدۇق گاز چىقىرىشنى تەكشۈرۈشنى يولغا قويىدۇ.

  موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قالدۇق گازىنى تەكشۈرۈش «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» بويىچە، بەلگىلەنگەن قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش مۇددىتىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ بۇلغىما چىقىرىشىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى تەكشۈرىدۇ، گاز قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى نومۇر تاختىسى بەرمەيدۇ، يىللىق تەكشۈرۈش قىلمايدۇ.

  موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ گاز چىقىرىپ بۇلغىشىنى شۇ مەزگىلدىكى ماس قەدەملىك قەرەللىك تەكشۈرۈش ۋە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش كېرەك. يەنى، قالدۇق گاز تەكشۈرۈش مۇددىتى بىلەن ئاپتوموبىلنى يىللىق تەكشۈرۈتۈش مۇددىتى بىردەك بولىدۇ. تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولسا، مۇناسىپ مۇھىت ئاسراش بەلگىسى تارقىتىلىدۇ، مۇھىت ئاسراش بەلگىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى بىلەن يىللىق تەكشۈرۈش مۇددىتى بىردەك بولىدۇ. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى ۋە ئىشلەتكۈچى بايىنغولىن تەۋەسىدە ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈش ئورنىنى تاللاپ تەكشۈرتۈپ، يېقىن ئەتراپتىكى تەكشۈرۈش ئورنىدىن مۇھىت ئاسراش تەكشۈرۈش لاياقەتلىك بەلگىسى ئېلىۋالسا بولىدۇ.

  ئىيۇندىن باشلاپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى مۇھىت ئاسراش لاياقەتلىك بەلگىسى ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش لاياقەتلىك بەلگىسى ئالمىغان قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈپ جازالايدۇ. ئاپتوموبىل ئىگىسى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق بويۈەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تەكشۈرۈش پونكىتى قاتارلىق تەكشۈرۈش سالاھىيىتىگە ئىگە 11 تەكشۈرۈش پونكىتىغا بېرىپ، قالدۇق گازنى تەكشۈرتسە ۋە مۇھىت ئاسراش بەلگىسىنى ئېلىۋالسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر