باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2–نۆۋەتلىك شىنجاڭدا نەشر قىلىنغان كىتابلارنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش ۋە كۇتۇپخانىلارغا سەپلىنىدىغان كىتابلارنى زاكاز قىلىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

2016.04.29 12:14         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشى، ئاپتونوم رايونلۇق شىنخۇا كىتابخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىلار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشىدا، 2 – نۆۋەتلىك شىنجاڭدا نەشر قىلىنغان كىتابلارنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش ۋە كۇتۇپخانىلارغا سەپلىنىدىغان كىتابلارنى زاكاز قىلىش يىغىنى 4 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىدا باشتىن – ئاخىر زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇلدى، ‹‹شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى››، ‹‹دېھقانلار قىرائەتخانىسى››، ‹‹شىنجاڭ ئەسەرلەر ئامبىرى››، ‹‹شىنجاڭ مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى ئەسەرلەر بىلەن خەنزۇ يېزىقىدىكى ئەسەرلەرنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىش قۇرۇلۇشى›› قاتارلىق قۇرۇلۇشلار يولغا قويۇلۇپ، شىنجاڭچە روھ جارى قىلدۇرۇلغان بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر ئارقا – ئارقىدىن نەشر قىلىندى، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى داۋاملىق قانات يايدۇرۇلۇپ، كىتاب ئوقۇش كەيپىياتى ئەۋج ئالدۇرۇلدى.

  بۇ قېتىمقى شىنجاڭدا نەشر قىلىنغان كىتابلارنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش پائالىيىتىدە ‹‹شىنجاڭ ئەسەرلەر ئامبىرى›› كۆرگەزمە ئورنى، ‹‹شىنجاڭ مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە تەرجىمە ئەسەرلەر›› كۆرگەزمە ئورنى، ‹‹ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا بېغىشلانغان ئەسەرلەر›› كۆرگەزمە ئورنى، ‹‹ئاساسىي تېمىلىق تەربىيە مەزمۇنىدىكى چاتما رەسىملەر›› كۆرگەزمە ئورنى، ‹‹مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، شىنجاڭدا نەشر قىلىنغان كىتابلار›› كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىنىپ، كۆرگەزمە ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نەشرىياتچىلىقىدا نۇقتىلىق نەشر قىلىنغان كىتابلارنى چۈشىنىشىگە ئاسانلىق يارىتىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر