باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ 2-نۆۋەتلىك ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ قوش تىلدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنىڭ تەقدىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

2016.04.29 12:12   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

ئاپتونوم رايوننىڭ 2-نۆۋەتلىك ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ قوش تىلدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنىڭ تەقدىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

  27-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايوننىڭ 2-نۆۋەتلىك ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ قوش تىلدا نۇتۇق سۆلەش مۇسابىقىسىنىڭ تەقدىرلەش مۇراسىمى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 2600 دىن ئارتۇق ماھىر قاتناشقان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا 60 نەپەر ماھىر ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى. 22-ئاپرېلدىن باشلاپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار نۇتۇق قابىلىيىتى، سەنئەت ماھارىتى، ئەقىل-پاراسىتى قاتارلىق جەھەتلەردە قاتلاممۇقاتلام تاللاندى، ئاخىرىدا 10 نەپەر ماھىرنىڭ تالانتى كۆرۈنەرلىك بولدى. مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىدا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئىككى نەپەر، ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئۈچ نەپەر، ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن بەش نەپەر، مۇنەۋۋەر مۇكاپاتتىن ئون نەپەر تاللاپ چىقىلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 40 ماھىرغا رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى تارقىتىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، مۇسابىقە ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى يىلى›› سەپەرۋەرلىك يىغىنى روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستودېنتلارنىڭ 3-قېتىملىق «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» پىلانى يولغا قويۇلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پىراكتىكا قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى ئوخشاش ئورۇندىكىلەرنىڭ سىناق مەز…
      ·بۇ يىل شىنجاڭدا 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
      ·«ئاپتونوم  رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىم…
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىر قېتىملىق چوڭ ئىسلاھاتنى كۈتۈۋالدى
      ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى ئېلان …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پراكتىكا سالاھىيىتىنى باھالاش تۈزۈمى ۋە پراكتىكا ئ…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدىكى يەتتە ئۆلكە، شەھەرنىڭ مەكتەپلەرنىڭ ئېستېتىك تەربىيە ئىسلاھاتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2017-يىلدىن باشلاپ EMBA نى بىر تۇتاش ئىمتىھان دائىرىسىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى بې…
      ·ئالىي مائارىپ سۈپىتى «دۆلەت دوكلاتى» تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى