باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئەڭ ياخشى روھىي ھالىتىمىز بىلەن چېمپىيون بولۇشقا تىرىشىمىز»

2016.01.22 16:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  15 - يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ U شەكىللىك مۇسابىقە مەيدانىدا، شىنجاڭ ئەركىن چاڭغا تېيىلىش كوماندىسىدىكىلەر تىرېنېر چېن سەننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مەشىق قىلىۋاتاتتى. شۇ كۈنى ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، كۆپكۆك ئاسمان ۋە ئاپپاق لىباسقا ئورالغان قارلىق دالا كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى. «ساپ ھاۋا تەنگە داۋا» دېگەندەك، تەنھەرىكەتچىلەر ۋە تىرېنېرنىڭ مەشىق جەريانىدىكى كەيپىياتى ئىنتايىن كۆتۈرەڭگۈ ئىدى. ئالاھازەل ئۈچ سائەتلىك مەشىقتىن كېيىن چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنى قويۇق تۇمان قاپلاشقا باشلىدى. تەنھەرىكەتچىلەر مەشىقنى توختىتىپ چۈشلۈك دەم ئېلىشقا چىققاندا، تىرېنېر چېن سەننى زىيارەت قىلدىم.

  ئىگىلىشىمچە، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ U شەكىللىك مەيداندا چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىسىدە، تەنھەرىكەتچىلەرU شەكىللىك مەيداندا چاڭغا تېيىلىپ ئېگىزگە قاڭقىش، بوشلۇقتا 360 گىرادۇس پىرقىراش ۋە تېز سۈرئەتتە پەسكە شۇڭغۇپ چۈشۈشتەك قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ھەرىكەتلەرنى ئىشلەيدىغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەتلەر تەنھەرىكەتچىلەردىن يۇقىرى ماھارەت ۋە تېخنىكا تەلەپ قىلىدىكەن. مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ئەركىن چاڭغا تېيىلىش كوماندىسىنىڭ U شەكىللىك مەيداندا چاڭغا تېيىلىش ئەترىتى يەككە چاڭغىدا تېيىلىش ۋە جۈپ چاڭغىدا تېيىلىشتىن ئىبارەت ئىككى تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن. شىنجاڭ ئەركىن چاڭغا تېيىلىش كوماندىسىدىكىلەر بۇلتۇر نويابىردا شەرقىي شىمالدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ قايتىپ كەلگەن ئىكەن؛ مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، بۇ يىل 1 - يانۋاردىن باشلاپ تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا ئىزچىل جاپالىق مەشىقلىنىپتۇ. مەزكۇر كوماندىنىڭ تىرېنېرى چېن سەن بۇ يىل ئەمدىلا 30 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئىلگىرى نۇرغۇن قېتىم مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق تەنھەرىكەت لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ چېمپىيون بولغان مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى ئىكەن. چېن سەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭ ئەركىن چاڭغا تېيىلىش كوماندىسىنىڭ U شەكىللىك مەيداندا چاڭغا تېيىلىش ئەترىتىدە جەمئىي 22 تەنھەرىكەتچى بار بولۇپ، ئۇلاردىن تارباغاتاي ۋىلايىتىدىن كەلگەن قازاق يىگىت دارمىن بېيسەن بۇلتۇر U شەكىللىك مەيداندا چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىسىنىڭ يەككە چاڭغىدا تېيىلىش تۈرىدە يۇقىرى نومۇر بىلەن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇ قېتىملىق مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىدە ئۈمىد زور ئىكەن.

  چېن سەن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىدۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىگە سالغان سېلىنمىسىمۇ يىلسېرى ئېشىۋاتىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى شىنجاڭ چاڭغا تېيىلىش ئەترىتىدىكى تىرېنېر - تەنھەرىكەتچىلەرنى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئامېرىكىنىڭ پورتلان ۋە دەنۋەر قاتارلىق قار - مۇز تەنھەرىكىتى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان شەھەرلىرىگە ئەۋەتىپ مەشىقلەندۈردى. بۇ جەرياندا تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ تېخنىكا - ماھارىتىدە زور ئىلگىرىلەش بولدى. بىز ئىلگىرىكى مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە شىنجاڭلىق تەنھەرىكەتچىلەرنى ئىنتايىن ئاز ئۇچرىتاتتۇق، ھازىر شىنجاڭنىڭ قىشلىق قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولماقتا. ئىشىنىمەنكى، بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى چوقۇم ياخشى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر