باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى بىلەن كۆرۈشتى

2016.01.22 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-يانۋار كەچ قاھىرەدىكى ئابىدىن سارىيىدا مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى بىلەن كۆرۈشتى.شى جىنپىڭ يېتىپ بارغاندا، سىسى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئابىدىن سارىيىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  كەچتىكى ھەشەمەتلىك ئابىدىن سارىيىنىڭ چىراغلىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى. شى جىنپىڭ سىسى بىلەن ماڭغاچ پاراڭلىشىپ، جۇڭگو-مىسىرنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى بايان قىلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈستىدە بەھۇزۇر پاراڭلاشتى.شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن مىسىرنى دېڭىز-ئوكيان ئايرىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىن بولۇپ، ئۆز ئارا ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلاردىن. 60 يىل بۇرۇن، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى يىراققا نەزەر سېلىپ، جۇڭگو-مىسىرنىڭ دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى باشلىغانىدى، ھەم يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىيە دەرۋازىسىنى ئاچقانىدى. 60 يىلدىن بۇيان، بىز بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەتلەپ، قوللاپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتۇق. بىر دۆلەت ياكى مىللەتنىڭ قانداق يولنى تاللاپ مېڭىشى، تارىخ، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رېئاللىقىدىن ئايرىلالمايدۇ، شۇڭا شۇ دۆلەتنىڭ خەلقى مۇستەقىل ئىزدىنىشى، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو مىسىرنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى تىرىشچانلىقىنى، مىسىرنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى قوللايدۇ، مىسىر بىلەن بىرلىكتە ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ، ئورتاق يېڭىش ئاساسىدا، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا تەرتىپ ئورنىتىشنى تېزلىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن مىسىر ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى بىلەن ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر