باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىچۇەندە «ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتى يولغا قويۇلدى

ئايال تەرەپ تۇغۇتتا 158كۈن ئارام ئالالايدۇ

2016.01.25 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-يانۋار ئېچىلغان سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ 12-نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-قېتىملىق يىغىنىدا «سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى» (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسى) قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، «ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتىنى يولغا قويۇشتىكى ماسلاشتۇرۇلىدىغان چارىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۈگۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى نىزامدا ئەسلىدىكى كېچىكىپ توي قىلىشنى مۇكاپاتلاش ھەققىدىكى بەلگىلىمە چىقىرىۋېتىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قانۇن-بەلگىلىمىگە ماس كېلىدىغان پەرزەنتلىك بولغان ئەر-ئاياللار قانۇن-بەلگىلىمىدە بەلگىلەنگەن تۇغۇتلۇق ئارامدىن باشقا، ئايال تەرەپ يەنە 60كۈن ئۇزارتىپ ئارام ئالالايدۇ، ئەر تەرەپ 20كۈنلۈك ئاسراش ئارامغا قويۇپ بېرىلىدۇ. تۇغۇتلۇق ئارام، ئاسراش ئاراملىرى خىزمەتكە چىققان ھېسابلىنىدۇ، مائاش ۋە پاراۋانلىق تەمىناتلىرى ئۆزگەرمەيدۇ.

  «نىزام»دا، 60كۈن ئۇزارتىلغان تۇغۇتلۇق ئارام ۋە ئەر تەرەپكە بېرىلىدىغان 20كۈنلۈك ئاسراش ئارامى بىرىنچى پەرزەنت ياكى ئىككىنچى پەرزەنت دەپ ئايرىلمايدۇ، قانۇنلۇق تۇغۇتنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئارامدىن بەھىرلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەيلى بىرىنچى بالىنى تۇغسۇن ياكى ئىككىنچى بالىنى تۇغۇشتىن قەتئىينەزەر، ئايال تەرەپ 60كۈن ئۇزاق ئارام ئالالايدۇ، يەنى قوشقاندا جەمئىي 158كۈن ئارام ئالالايدۇ، ئەر تەرەپ 20كۈنلۈك ئاسراش ئارامىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر