خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (پوسكام ناھىيە كۈيباغ يېزىلىق تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان) قىش كىرگەندىن بۇيان پوسكام ناھىيەسىدىكى 5000دىن ئارتۇق يېزا ئاياللىرى ناھىيە ۋە يېزا، بازار، كەنت ئاياللار تەشكىلاتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئائىلىسىدە بىكار ئولتۇرۇشنى خالىماي ئائىلىدە ۋە ناھىيە، يېزا، بازار، كەنتلەردە قۇرۇلغان كەشتىچىلىك دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ۋە ئىگىلىك تىكلەش تىپىدىكى كىچىك مىكرو كارخانىلارغا بېرىپ، تىككۈچىلىك، كەشتىچىلىك كەسپىنى ئۆگىنىپ، ئائىلە كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياخشى ئاساس سالدى.
سۈرەتتە: 25-يانۋار كۈيباغ يېزىسىنىڭ تېتىر كەنتىدىكى ئائىلە ئاياللىرى قىشتىكى ئارىسالدى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، كەشتىچىلىكنى ئۆگەنمەكتە.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى