باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئىسلام دۆلىتىنىڭ تەھدىتىنى يوقۇتۇش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدەندى

2016.01.25 09:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بېدىن تۈنۈگۈن: ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيەدىكى تەھدىتىنى يوقۇتۇش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن، ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەردى دېدى.

  بېدىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئاخبارات توپلاش، يەرلىك خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىقلىرىنى قوللاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىسلام دۆلىتىگە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىدۇ.

  داۋۇت ئوغلى مۇنداق دېدى: سۇرىيەنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتى، ئىسلام دۆلىتى ۋە سۇرىيەدىكى كۇرت قوراللىقلىرى خەلق قوغدىنىش ئارمىيەسى تۈركىيە دۇچ كېلىۋاتقان ئاساسلىق تەھدىت، تۈركىيە سۇرىيەدىكى كۇرتلار تەشكىلاتلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ، خەلق قوغدىنىش ئارمىيەسى بىلەن تۈركىيە تېررورچى تەشكىلات قاتارىغا كىرگۈزگەن كۇرت ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ ئالاقىسى بار، ئۇلار ئىزچىل تۈركىيەدىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قوللاپ كەلمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر