باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مالايسىيا تايلاندتا بايقالغان گۇمانلىق ئايروپىلان پارچىلىرىنى تەكشۈرۈپ دەلىللەيدۇ

2016.01.25 09:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالايسىيانىڭ قاتناش مىنىستىرى لياۋ جۇڭلەي 24-يانۋار مۇنداق دېدى: مالايسىيا تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز قىرغىقىدا گۇمانلىق ئايروپىلان پارچىلىرى بايقالغانلىقى توغرىسىدا تايلاند دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلاشتى، ھازىر ئۇنىڭ مالايسىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ 370-قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگىلى بولمايدۇ. تايلاند ئاھالىلىرى يېقىندا تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز بويى رايونىدا كەڭلىكى ئىككى مېتىر، ئۇزۇنلىقى ئۈچ مېتىر كېلىدىغان گۇمانلىق ئايروپىلان پارچىسىنى بايقاپ، كىشىلەرنىڭ بۇ مالايسىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ 370-قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرىمۇ-ئەمەسمۇ دېگەن پەرىزىنى قوزغىدى. مالايسىيا ئاگېنتلىغىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند دائىرىلىرى ئاۋىياتسىيە مۇتەخەسسىسلىرىنى بۇ گۇمانلىق ئايروپىلان پارچىلىرىنى تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلىدىكەن. 2014-يىلى 8-مارت، مالايسىيانىڭ پايتەختى كۇئالالۇمپۇردىن بېيجىڭغا ئۇچقان مالايسىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ 370-قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى مالايسىيا بىلەن ۋېيتنامنىڭ ھاۋا تەۋەلىكى تۇتاشقان جايغا كەلگەندە قاتناش باشقۇرۇش مەركىزى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. بۇ ئايروپىلاندا 227 يولۇچى ۋە 12 ئايروپىلان خادىمى بولۇپ، ئۇلارنىڭ 154ى جۇڭگولۇق يولۇچى ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر