باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 3- دوختۇرخانىسىدا بىر تۇغۇتلۇق ئايال قازا قىلدى

ساقچى تەرەپ تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى

2016.01.22 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ22- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:بېيجىڭ ساقچى تەرەپ 21-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ئېلان قىلغان « بېيجىڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 3- دوختۇرخانىسىدا تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ قازا قىلىش» ۋەقەسىنىڭ تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى.

  ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، 13-يانۋار سائەت 7دە، بېيجىڭ خەيديەن رايونىدىكى ساقچىلار بېيجىڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 3- دوختۇرخانىسىدا دوختۇر بىلەن بىمار ئارىسىدا ماجرا يۈز بەردى دېگەن دېلو مەلۇمىنى تاپشۇرۇۋالغان. ساقچىلار ناھايىتى تېزلا نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بىمار ياڭ X(ئايال،34ياش) 2015-يىلى 28-دېكابر بېيجىڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 3- دوختۇرخانىسىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمىدە بالنىستىدا ياتقان، 2016-يىلى 11-يانۋار قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن دوختۇرخانا ئارىسىدا ماجىرا يۈز بەرگەن. بۇ جەرياندا، بىمارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى دوختۇرخانىنىڭ نورمال خىزمەت تەرتىپىگە دەخلى يەتكۈزگەن. كېيىن ھەر تەرەپتىن خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىق، دوختۇرخانا بىلەن بىمار ئىككى تەرەپ قانۇن ئارقىلىق ماجرانى ھەل قىلىشقا قوشۇلغان. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر